< Return to Video

ئون مىنۇتلا دېققىتىڭىزنى يىغسىڭىز كۇپايە

  • 0:01 - 0:03
    ئىشەنگۈسىز ئالدىراش دۇنيادا ياشاۋاتىمىز.
  • 0:03 - 0:07
    ھايات رېتىمى تېز ۋە تەشۋىشلىك،
    زېھنىمىز ھەۋاقىت ئالدىراش.
  • 0:07 - 0:08
    بىزمۇ ھەرۋاقىت بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل.
  • 0:09 - 0:11
    بۇنى كۆزدە تۇتۇپ، ئويلىنىشقا
    ئازراق ۋاقىت چىقىرشىڭىزنى سورىماقچىمەن.
  • 0:12 - 0:16
    ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، قاچان
    ھېچ ئىش قىلماستىن ۋاقىت ئۆتكۈزگەن ئىدىڭىز؟
  • 0:17 - 0:19
    پەقەتلا 10 مىنۇت، راھەتلىك بىلەن؟
  • 0:19 - 0:22
    ھېچ ئىش دېگىنىم،
    پەقەتلا ھېچنېمە قىلماي دېمەكچى.
  • 0:22 - 0:24
    ئېلخەتسىز،
    ئۇچۇرسىز، تورسىز،
  • 0:24 - 0:27
    تېلېۋىزورسىز، پاراڭسىز،
    ھېچنىمە ئوقۇماستىن.
  • 0:28 - 0:31
    ئولتۇرۇپ ئۆتمۈشنى ئەسلىمەي
  • 0:31 - 0:32
    ياكى كەلگۈسىنى پىلانلىماي.
  • 0:33 - 0:35
    ناھايىتى ئاددىي،
    ھېچنېمە قىلماي
  • 0:36 - 0:38
    نېمىدىگەن كۆپ ئىنكاسسىز چىرايلار بۇ.
  • 0:38 - 0:39
    (كۈلكە)
  • 0:39 - 0:41
    بەلكىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق ئۆتمۈشكە
    قايتىشىمىز كېرەكتۇ.
  • 0:41 - 0:43
    پەۋقۇلئاددە بىر ئىش، شۇنداقمۇ؟
  • 0:43 - 0:44
    زېھنىمىز ھەققىدە پاراڭلىشۋاتىمىز.
  • 0:45 - 0:48
    زېھىن، ئەڭ قىممەتلىك
    بىباھا مەنبەيىمىز،
  • 0:48 - 0:51
    سايىسىدا، ھاياتىمىزنىڭ ھەر پەيتىنى
    ئۆتكۈزگەن
  • 0:52 - 0:55
    ۋە ھېسسىي جەھەتتىن مۇقىم،
    ئاقكۆڭۈل ۋە مەمنۇن
  • 0:55 - 0:59
    شۇنداقلا، باشقىلار بىلەن بولغان
    مۇناسىۋەتتە چۈشۈنۈشچان
  • 0:59 - 1:02
    بولغان زېھنىمىز.
  • 1:02 - 1:05
    ئاشۇ زېھنىمىزگە، دېققەتنى يىغىشتا
    ئىجادىي بولۇشتا
  • 1:05 - 1:07
    تەبىئىيلىكمىز، ۋە قىلغان ھەر بىر ئىشتا
  • 1:07 - 1:11
    قولىمىزدىن كەلگەن، ئەڭ ياخشىسىنى
    قىلىش ئۈچۈن تايىنىمىز.
  • 1:11 - 1:15
    ئەمما يەنىلا، بىز ئۇنىڭغا
  • 1:15 - 1:19
    يېتەرلىك ۋاقىت ئاجىراتمايمىز.
  • 1:19 - 1:22
    كۆپرەك ۋاقتىمىزنى، ماشىنىمىز كېيىنىشىمىز
    چېچىمىزغا دېققەت قىلىش بىلەن
  • 1:22 - 1:24
    ئۆتكۈزىمىز،
  • 1:24 - 1:25
    ھىم، بەلكىم چېچىمىزغا ئەمەستۇ.
  • 1:25 - 1:26
    (كۈلكە)
  • 1:26 - 1:28
    ئەمما نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى
    چۈشەندىڭىز.
  • 1:28 - 1:30
    نەتىجىدە، بىز بېسىم ھېس قىلىمىز.
  • 1:31 - 1:34
    بىلگىنىڭىزدەك، كاللىمىز خۇددى كىرئالغۇدەك
    غۇڭۇلدايدۇ.
  • 1:34 - 1:37
    كۆپلىگەن قېيىنچىلىقلار، مۈجمەللىكلەر
    زېھنىمىزدا پىرقىرايدۇ.
  • 1:37 - 1:41
    بىراق بىز بۇنى قانداق
    بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيمىز.
  • 1:42 - 1:46
    يامان تەرىپى
    ئىچىمىز توختىماي تىتىلداپ
  • 1:46 - 1:50
    ياشاۋاتقان دۇنيارىمىزدىن
    ئالاقىمىزنى ئۈزۈپ قويىمىز.
  • 1:50 - 1:54
    بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلارنى
    بىلەلمەي قالىمىز،
  • 1:54 - 1:56
    كۈلكىلىك يېرى ھەر بىرەيلەن
    ھاياتنىڭ يولى مانا مۇشۇنداق،
  • 1:56 - 1:59
    مۇشۇنداق ياشاپ
    ئاخىرىغا بارىمىز، دەپ ئويلىۋالىدۇ.
  • 1:59 - 2:01
    ئەسلى بۇنداق بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق.
  • 2:02 - 2:06
    11 ياش ۋاقىتلىرىمدا تۇنجى ئويلىنىش
    (meditation) دەرىسىمگە باردىم.
  • 2:06 - 2:09
    ۋە ئىشىنىڭكى، بۇ يەردە سىز تەسەۋۋۇر
    قىلالايدىغان ھەرخىل كىشىلەر بار ئىدى.
  • 2:09 - 2:12
    يەردە بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان كىشىلەر،
  • 2:12 - 2:15
    كۈجىلەر، دورا چايلار، كۆكتاتخۇمارلار
    ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە.
  • 2:15 - 2:19
    بىراق ئاپام قايتماقچى بولدى،
    مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن قايتىشنى خالايتتىم.
  • 2:19 - 2:21
    بىر قانچە گۇمپا فىلىملىرىنى كۆرگەنىدىم.
  • 2:21 - 2:24
    ئىچىمدە بەلكىم ئۇچۇشنى ئۆگۈنەلىشىم
    مۇمكىنلىكىنى ئويلىدىم.
  • 2:24 - 2:26
    ئۇ ۋاقىتلاردا بەكلا كىچىك ئىدىم.
  • 2:27 - 2:30
    مەن شۇ ۋاقىتتا
    بەلكىم كۆپىنچىڭلاردەك
  • 2:30 - 2:34
    ئويلىنىشنى زېھىنگە نىسبەتەن
    بىر ئاسپىرىن دەپ پەرەز قىلغانىدىم.
  • 2:34 - 2:36
    بېسىم ھېس قىلغاندا بىراز ئويلىنىۋالىسىلەر
  • 2:36 - 2:40
    ئويلىنىشنىڭ ئەسلىمىزنى ساقلىغۇچى ئامىل
    ئىكەنلىكىنى، ئويلاپ باقمىغانىدىم.
  • 2:40 - 2:43
    تاكى 20 ياشقا كىرىپ، ھاياتىمدا
    نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەرگەنگە قەدەر.
  • 2:43 - 2:46
    ئىشلار ئىنتايىن تېز ۋە ئۈزلۈكسىز،
  • 2:46 - 2:49
    ھاياتىمنى ئۆرۈۋېتىدىغان
    ناھايىتى جىددى ئىشلار يۈز بەرگىلى تۇردى.
  • 2:49 - 2:52
    تۈگىمەس پىكىرلەر ئىچىدە
    بوغۇلۇپ قالدىم.
  • 2:52 - 2:56
    قانداق بىر باشقا ئېلىپ چىقىشنى
    بىلەلمەي تەمتىرەش ئىچىدە قالدىم.
  • 2:56 - 2:58
    بىر مەسىلىنى ھەل قىلغىنىمدا،
  • 2:58 - 3:00
    يەنە بىر مەسىلە چىقاتتى.
  • 3:00 - 3:01
    ھەقىقەتەن جىددىيچىلىك بىر ۋاقىت ئىدى.
  • 3:02 - 3:05
    مېنڭچە ھەر بىرىمىز، بېسىمنى
    پەرقلىق يوللار بىلەن ھەل قىلىمىز.
  • 3:06 - 3:10
    بەزىلەر ئۆزىنى خىزمەتكە ئاتىۋېتىدۇ ۋە
    دېققىتىنى بۇرىۋەتكىنىدىن مىننەتدار بولىدۇ.
  • 3:11 - 3:14
    يەنە بەزىلەر ياردەم سوراش ئۈچۈن
    ئائىلە ياكى دوستلىرىنىڭ يېنىغا چاپىدۇ.
  • 3:14 - 3:17
    بەزىلىرى ھاراقتىن ئاچچىقىنى ئالىدۇ
    ياكى دورا يەۋالىدۇ.
  • 3:18 - 3:20
    مېنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇم بولسا
    موناخقا ئايلىنىش.
  • 3:21 - 3:25
    شۇ سەۋەپ ئوقۇشۇمنى تاشلىدىم،
    ۋە ھىمالاياغا قاراپ يول ئالدىم.
  • 3:25 - 3:27
    بىر موناخ بولدۇم ۋە ئويلىنىشقا قارىتا
    تەتقىقاتنى باشلىۋەتتىم.
  • 3:28 - 3:32
    كىشىلەر داۋاملىق مەندىن
    شۇ ۋاقتلاردا نېمە ئۆگەنگىنىمنى سورىشىدۇ.
  • 3:32 - 3:34
    مۇنداقچە ئېيتساق
    جىق ئىشلار ئۆزگەرگەن بولدى.
  • 3:34 - 3:38
    موناخ بولۇش ئەلۋەتتە
    نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتىدۇ.
  • 3:38 - 3:41
    بىراق ئۇنىڭدىن مۇھىمراقى
  • 3:41 - 3:44
    ئۇ مېنى تەربىيەلىدى-- ۋە ماڭا
    مىننەتدارلىق تۇيغۇسى
  • 3:44 - 3:48
    ھازىرقى پەيتتە ياشاش چۈشەنچىسىنى بەردى.
  • 3:48 - 3:52
    دېمەكچى بولغىنىم
    خىياللار ئىچىدە غايىپ بولماسلىقنى
  • 3:52 - 3:54
    زېھىننى چاچماسلىقنى
  • 3:54 - 3:58
    بېسىم تۇيغۇلىرى ئىچىدە تۇنجۇقماستىن
  • 3:58 - 4:01
    ھازىر مانا مۇشۇ يەردە قانداق تۇرۇشنى
  • 4:01 - 4:04
    ھازىرنىڭ ئۆزىدە
    قانداق دېققەتنى يىغىشنى ئۆگەتتى.
  • 4:04 - 4:07
    مېنىڭچە "ھازىرقى پەيىت" نىڭ ئەھمىيىتىنى
    بىلەلمەيۋاتىسىلەر.
  • 4:08 - 4:09
    قۇلاققا ئادەتتىكىچىلا ئاڭلىنىدۇ،
  • 4:09 - 4:13
    يەنە تېخى، ھەممە ئىش يۈز بېرىۋاتقان
    ھازىر پەيتىڭىزگە
  • 4:13 - 4:15
    تۇزۇك ۋاقىت بەرمەيسىز.
  • 4:15 - 4:19
    يېقىندىلا خارۋاردتىن چىقىرىلغان بىر
    تەتقىقات ماقالىسىدە دېيىلىشىچە،
  • 4:19 - 4:22
    زېھنىمىز، نورمال ۋاقىتنىڭ 47 پىرسەنتدە
  • 4:22 - 4:24
    خىياللار ئىچىدە غايىپ بولىدۇ.
  • 4:25 - 4:26
    47 پىرسەنت.
  • 4:27 - 4:30
    شۇنداقلا بۇ خىل زېھىن ئىسراپچىلىقى
  • 4:30 - 4:33
    پەرىشان بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.
  • 4:33 - 4:38
    ئەلۋەتتە، شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتمەيمىز،
  • 4:38 - 4:42
    بىراق ھاياتىمىزنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى
    غايىپ خىياللارغا سەرپ قىلىش
  • 4:42 - 4:44
    ۋە خاپىلىقتا ئۆتكۈزۈش،
  • 4:44 - 4:47
    بىلمىدىم، ئەمما بىراز ئېچىنىشلىق كۆرىنىدۇ.
  • 4:47 - 4:50
    بولۇپمۇ، بۇنىڭغا
  • 4:50 - 4:53
    ئىجابىي، ئەمەلىي، ۋە يەتكىلى بولىدىغان
  • 4:53 - 4:56
    پەن-تېخنىكا تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان
  • 4:56 - 4:58
    زېھنىمىزنى تېخىمۇ ساغلام
  • 4:58 - 5:02
    دېققەتنى يىغىپ ئاز چېچىلىدىغانغا
    ئامال قىلغىلى بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا.
  • 5:03 - 5:05
    ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل تەرىپى، كۈندە
  • 5:05 - 5:07
    پەقەت 10 مىنۇتلا ۋاقىت ئاجراتسىڭىز
  • 5:07 - 5:10
    پۈتكۈل ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىشى.
  • 5:11 - 5:13
    بىراق بۇنى قانداق قىلىشنى بىلشىمىز كېرەك.
  • 5:13 - 5:14
    بىز مەشىقكە ۋە تۈزۈلمىگە مۇھتاج.
  • 5:14 - 5:17
    قانداق قىلىپ دېققەتنى يىغىشنى شۇندىلا
    ئۆگىنىۋالالايمىز.
  • 5:17 - 5:19
    مانا بۇ ئويلىنىشتۇر (meditation) .
  • 5:19 - 5:22
    ئويلىنىش بىزنى ھازىرقى پەيتىمىز
    بىلەن باغلايدۇ.
  • 5:22 - 5:25
    بىز ئۇنىڭدىن ئەڭ ياخشى ھۇسۇلنى
    ئېلىش ئۈچۈن، توغرا ھالدا
  • 5:25 - 5:26
    ئۇنىڭغا قانداق
    يېقىنلىشىشنى بىلشىمىز كېرەك.
  • 5:27 - 5:30
    ۋە بۇلارنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ،
    بەلكىم ئەنسىرەۋاتىسىز،
  • 5:30 - 5:32
    چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر
  • 5:32 - 5:35
    ئويلىنىش
    چۈشەنچىلەرنى توخىتىدۇ،
  • 5:35 - 5:38
    تۇيغۇلاردىن ئايرىپ
    زېھىننى كونتىرۇل قىلىش دەپ گۈمانلىنىدۇ.
  • 5:38 - 5:40
    ئەمما ئەھۋال بۇنىڭدىن خېلىلا پەرقلىىق.
  • 5:40 - 5:43
    بۇ بەكرەك
    بىر قەدەم چېكىنىپ،
  • 5:43 - 5:45
    چۈشەنچىلەرنى قايتىدىن ئېنىق كۆرگەنگە
    ئوخشايدۇ،
  • 5:45 - 5:48
    پىكىرنىڭ كېلىشى ۋە كېتىشىنى،
    تۇيغۇلارنىڭ كېلىپ كېتىشىنى
  • 5:48 - 5:53
    باھالىماستىن
    راھەتلىك بىلەن، دېققەتلىك بىر زېھىن بىلەن.
  • 5:53 - 5:56
    مەسىلەن، ھازىرنىڭ ئۆزىدە
  • 5:56 - 5:58
    ئەگەر دېققىتىمنى توپلارغا بەكرەك بەرسەم،
  • 5:58 - 6:01
    ئوخشاش ۋاقىتتا، سىلەر بىلەن راھەت
    پاراڭلىشالمايمەن.
  • 6:01 - 6:03
    ئەكىسچە، سىلەر بىلەن بەك راھەت
    پاراڭلىشىپ كەتسەم،
  • 6:03 - 6:05
    توپلارغا دېققىتىمنى يىغالىشىم
    مۇمكىن ئەمەس.
  • 6:05 - 6:06
    توپلار چۈشۈپ كېتىدۇ.
  • 6:06 - 6:09
    ئەمدى، ھاياتتىمۇ ۋە ئويلىنىشتىمۇ،
  • 6:09 - 6:13
    دېققەتنى زىيادە يىغىش
    بىراز ھاردۇرۇپ قويىدۇ،
  • 6:13 - 6:17
    ۋە ھاياتىڭىزمۇ مانا مۇنداق ھېس قىلىشقا باشلايدۇ.
  • 6:17 - 6:19
    بۇنداق چىڭ ۋە بېسىم ئاستىدا ياشاشمۇ
  • 6:19 - 6:21
    بەكلا راھەتسىزلىك كەلتۈرىدۇ.
  • 6:21 - 6:24
    شۇنداقلا، بەزىدە زىيادە
    بىغەم بولۇپ كېتىمىز.
  • 6:24 - 6:27
    ئىشلار مانا مۇنداق بولۇشقا باشلايدۇ.
  • 6:27 - 6:29
    ئەلۋەتتە ئويلىنىشتا
  • 6:29 - 6:30
    (خورەك)
  • 6:30 - 6:31
    ئۇخلاپلا قالىمىز.
  • 6:31 - 6:34
    شۇڭا بىز دېققەتنى يىغىش ۋە راھەتلىك
    ئارىسىدا، پىكىرلەرنى
  • 6:34 - 6:37
    كىرشىۋالماستىن
    كىرگۈزۈپ، چىقىرۋىتەلەيدىغان
  • 6:37 - 6:39
    بىر تەڭپۇڭلۇق ئىزدەيمىز.
  • 6:40 - 6:43
    بىز دېققەتنى يىغىشنى ئۆگىنىۋاتقاندا
    يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بىر ئىش
  • 6:43 - 6:46
    مەلۇم ئوي تەرىپىدىن بېسىم ھېس قىلىش.
  • 6:46 - 6:48
    بۇنى ئەندىشىلىك بىر ئوي دەپ تۇرايلى،
  • 6:48 - 6:51
    ھەممە ئىش نورمال، ئەمما تۇيۇقسىز
    كاللمىزغا ئەندىشىلىك بىر ئوي كېلىدۇ
  • 6:51 - 6:53
    "ئاپلا، بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىمەن دەپ
    ئويلىماپتىكەنمەن"
  • 6:53 - 6:55
    يەنە قايتىسىز، يەنە تەكرارلايسىز.
  • 6:55 - 6:56
    " ئاپلا، مەن ئەنسىرەۋاتىمەن
  • 6:56 - 6:58
    راستىنلا ئەندىشە قىلۋاتىمەن،
    نېمانچە كۆپ ئەندىشىلەر بۇ."
  • 6:58 - 7:00
    بۇنى تونۇشتىن ئىلگىرى بولسا
  • 7:00 - 7:03
    ئەندىشە ھېس قىلىشتىنمۇ ئەندىشە قىلىمىز.
  • 7:03 - 7:04
    (كۈلكە)
  • 7:04 - 7:05
    شۇنداق كۈلكىلىك
  • 7:05 - 7:09
    ئەمما، بىز بۇنى ھەرۋاقىت
    ھەتتا ھەر كۈنى قىلىمىز.
  • 7:09 - 7:13
    ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق چىشىڭىز لىڭشىپ
    قالغان ۋاقىتنى ئەسلەپ بېقىڭ
  • 7:14 - 7:17
    لىڭشىپ قالغىنىنى ۋە ئاغرىۋاتقىنىنى بىلىسىز.
  • 7:17 - 7:20
    بىراق ھەر 20، 30 سىكۇنتتا بىر نېمە قىلىسىز؟
  • 7:21 - 7:23
    (چايناپ تۇرۇپ)
  • 7:23 - 7:24
    ئاغرىۋاتىدۇ.
  • 7:24 - 7:26
    ۋە بۇ ھالەتنى كۈچلەندۇرىمىز، شۇنداققۇ؟
  • 7:26 - 7:29
    توختىماي ئۆزىمىزگە شۇنى دەيمىز،
    ۋە شۇنداق قىلىشنى تەكرارلايمىز.
  • 7:29 - 7:32
    زېھىننىڭ بۇ خىل ھالەتتىن
    ۋە نۇسخىدىن قۇتۇلۇشنى ئۆگىنىشىنى
  • 7:32 - 7:36
    پەقەت مۇشۇ شەكىلدە كۈزىتىپ تۇرۇپ
    ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
  • 7:37 - 7:39
    ئەگەر سىز ئولتۇرۇپ
    زېھىننى مۇشۇ ئۇسۇلدا كۈزەتسىڭىز.
  • 7:39 - 7:41
    ئۇنىڭ ئوخشىمىغان نۇسخىلىرىنى كۆرىشىڭىز مۇمكىن.
  • 7:41 - 7:44
    بەلكىم ھەر ۋاقىت تۇراقسىز
    بىر زېھىننى
  • 7:44 - 7:45
    ئۇچۇرتىشىڭىز مۇمكىن.
  • 7:46 - 7:49
    ئەگەر بەدىنىڭىزدە بىئاراملىق ھېس قىلسىڭىز
    ھەيران قالماڭ،
  • 7:49 - 7:52
    سىز ئولتۇرۇپ ھېچ ئىش قىلمىسىڭىز
    زېھنىڭىز شۇنداق ھېس قىلىدۇ.
  • 7:53 - 7:55
    سىز بەلكىم ئىنتايىن گال
  • 7:55 - 7:57
    زېركىشلىك، خۇددىي ماشىنىدەك تۇيغۇسىز
    بىر زېھىننى ئۇچۇرتىشىڭىز مۇمكىن،
  • 7:57 - 8:00
    ئۇ قارىماققا، ئورنىڭىزدىن تۇرىسىز
    خىزمەتكە بارىسىز،
  • 8:00 - 8:02
    يەيسىز، ئۇخلايسىز، تۇرىسىز، يەنە خىزمەت.
  • 8:03 - 8:05
    ئۇ بەلكىم بىر
    ئىچىڭىزنى پۇشۇردىغان ئوي بولۇشى مۇمكىن
  • 8:05 - 8:10
    زېھنىڭىزدە توختىماي پىرقىراپ قاپسىلىپ تۇرغان.
  • 8:11 - 8:12
    مەيلى نېمىلا بولسۇن
  • 8:12 - 8:18
    ئويلىنىش سىزگە
    بىر قەدەم ئارقىغان چېكىنىش مۇمكىنچىلكى
  • 8:18 - 8:20
    ۋە ئوخشىمايدىغان نوقتىدىن كۆرۈش
    پۇرسىتىنى بېرىدۇ،
  • 8:20 - 8:24
    شۇندىلا ئىشلارنىڭ كۆرۈنگىنىدەك
    ئەمەسلىكىنى بايقىيالايسىز.
  • 8:25 - 8:31
    ھاياتتا بېشىمىزغا كەلگە ھەربىر كىچىك ئىشنى
    ئۆزگەرتەلمەيمىز.
  • 8:31 - 8:34
    ئەمما ئۇلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈش شەكىلىنى
    ئۆزگەرتەلەيمىز.
  • 8:34 - 8:38
    مانا بۇ ئويلىنىش ۋە پەرقلەشدۇرۇشنىڭ
    ماھىيەتتىكى كۈچى.
  • 8:38 - 8:41
    كۈجە يېقىشىڭىزنىڭ،
  • 8:41 - 8:43
    ياكى بىرەر پولدا ئولتۇرشىڭىزنىڭ
    ھېچقانداق ھاجىتى يوق.
  • 8:43 - 8:47
    بىر قەدەم چېكىنىپ، ھازىرنىڭ ھۇزۇرىنى
    سۈرۈشكە
  • 8:47 - 8:50
    پەقەتلا 10 مىنۇت ۋاقتىڭىز كۇپايە
  • 8:50 - 8:53
    شۇندىلا، ئېنىقلىق، تىنچلىق
    ۋە دېققەتنى يىغىشنىڭ
  • 8:53 - 8:57
    قالتىس بىر تۇيغۇسىنى تېتىيالايسىز.
  • 8:57 - 8:59
    كۆپتىن كۆپ رەھمەت
  • 8:59 - 9:03
    (ئالقىشلار)
Title:
ئون مىنۇتلا دېققىتىڭىزنى يىغسىڭىز كۇپايە
Speaker:
ئەندى پۇدىكامبى
Description:

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان 10 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ھېچ ئ‍ىش قىلماي ئۆتكۈزگەن ئىدىڭىز؟ يەنى ئۇچۇر يېزىشماي، پاراڭلاشماي، ھەتتا ھېچنىمە ئويلىماي. زېھىن مۇتەخەسسىسى ئەندى پۇدىكامبى ئاشۇ ئ‍ىشنى قىلىشنىڭ ئۆزگەرتكۈچى كۈچىنى چۈشەندۇرىدۇ: دېققەتنى يىغىش ۋە ھازىرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈش ئارقىلىق كۈندە 10 مىنۇت زېھىننى يېڭىلاش. (كۈجە يېقىشڭىزنىڭ ياكى غەلىتە ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق)

more » « less
Video Language:
English
Team:
closed TED
Project:
TEDTalks
Duration:
09:24

Uyghur subtitles

Revisions