ئىشەنگۈسىز ئالدىراش دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ھايات رېتىمى تېز ۋە تەشۋىشلىك، زېھنىمىز ھەۋاقىت ئالدىراش. بىزمۇ ھەرۋاقىت بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل. بۇنى كۆزدە تۇتۇپ، ئويلىنىشقا ئازراق ۋاقىت چىقىرشىڭىزنى سورىماقچىمەن. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، قاچان ھېچ ئىش قىلماستىن ۋاقىت ئۆتكۈزگەن ئىدىڭىز؟ پەقەتلا 10 مىنۇت، راھەتلىك بىلەن؟ ھېچ ئىش دېگىنىم، پەقەتلا ھېچنېمە قىلماي دېمەكچى. ئېلخەتسىز، ئۇچۇرسىز، تورسىز، تېلېۋىزورسىز، پاراڭسىز، ھېچنىمە ئوقۇماستىن. ئولتۇرۇپ ئۆتمۈشنى ئەسلىمەي ياكى كەلگۈسىنى پىلانلىماي. ناھايىتى ئاددىي، ھېچنېمە قىلماي نېمىدىگەن كۆپ ئىنكاسسىز چىرايلار بۇ. (كۈلكە) بەلكىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق ئۆتمۈشكە قايتىشىمىز كېرەكتۇ. پەۋقۇلئاددە بىر ئىش، شۇنداقمۇ؟ زېھنىمىز ھەققىدە پاراڭلىشۋاتىمىز. زېھىن، ئەڭ قىممەتلىك بىباھا مەنبەيىمىز، سايىسىدا، ھاياتىمىزنىڭ ھەر پەيتىنى ئۆتكۈزگەن ۋە ھېسسىي جەھەتتىن مۇقىم، ئاقكۆڭۈل ۋە مەمنۇن شۇنداقلا، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە چۈشۈنۈشچان بولغان زېھنىمىز. ئاشۇ زېھنىمىزگە، دېققەتنى يىغىشتا ئىجادىي بولۇشتا تەبىئىيلىكمىز، ۋە قىلغان ھەر بىر ئىشتا قولىمىزدىن كەلگەن، ئەڭ ياخشىسىنى قىلىش ئۈچۈن تايىنىمىز. ئەمما يەنىلا، بىز ئۇنىڭغا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجىراتمايمىز. كۆپرەك ۋاقتىمىزنى، ماشىنىمىز كېيىنىشىمىز چېچىمىزغا دېققەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىمىز، ھىم، بەلكىم چېچىمىزغا ئەمەستۇ. (كۈلكە) ئەمما نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندىڭىز. نەتىجىدە، بىز بېسىم ھېس قىلىمىز. بىلگىنىڭىزدەك، كاللىمىز خۇددى كىرئالغۇدەك غۇڭۇلدايدۇ. كۆپلىگەن قېيىنچىلىقلار، مۈجمەللىكلەر زېھنىمىزدا پىرقىرايدۇ. بىراق بىز بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيمىز. يامان تەرىپى ئىچىمىز توختىماي تىتىلداپ ياشاۋاتقان دۇنيارىمىزدىن ئالاقىمىزنى ئۈزۈپ قويىمىز. بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلارنى بىلەلمەي قالىمىز، كۈلكىلىك يېرى ھەر بىرەيلەن ھاياتنىڭ يولى مانا مۇشۇنداق، مۇشۇنداق ياشاپ ئاخىرىغا بارىمىز، دەپ ئويلىۋالىدۇ. ئەسلى بۇنداق بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. 11 ياش ۋاقىتلىرىمدا تۇنجى ئويلىنىش (meditation) دەرىسىمگە باردىم. ۋە ئىشىنىڭكى، بۇ يەردە سىز تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان ھەرخىل كىشىلەر بار ئىدى. يەردە بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان كىشىلەر، كۈجىلەر، دورا چايلار، كۆكتاتخۇمارلار ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە. بىراق ئاپام قايتماقچى بولدى، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن قايتىشنى خالايتتىم. بىر قانچە گۇمپا فىلىملىرىنى كۆرگەنىدىم. ئىچىمدە بەلكىم ئۇچۇشنى ئۆگۈنەلىشىم مۇمكىنلىكىنى ئويلىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا بەكلا كىچىك ئىدىم. مەن شۇ ۋاقىتتا بەلكىم كۆپىنچىڭلاردەك ئويلىنىشنى زېھىنگە نىسبەتەن بىر ئاسپىرىن دەپ پەرەز قىلغانىدىم. بېسىم ھېس قىلغاندا بىراز ئويلىنىۋالىسىلەر ئويلىنىشنىڭ ئەسلىمىزنى ساقلىغۇچى ئامىل ئىكەنلىكىنى، ئويلاپ باقمىغانىدىم. تاكى 20 ياشقا كىرىپ، ھاياتىمدا نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەرگەنگە قەدەر. ئىشلار ئىنتايىن تېز ۋە ئۈزلۈكسىز، ھاياتىمنى ئۆرۈۋېتىدىغان ناھايىتى جىددى ئىشلار يۈز بەرگىلى تۇردى. تۈگىمەس پىكىرلەر ئىچىدە بوغۇلۇپ قالدىم. قانداق بىر باشقا ئېلىپ چىقىشنى بىلەلمەي تەمتىرەش ئىچىدە قالدىم. بىر مەسىلىنى ھەل قىلغىنىمدا، يەنە بىر مەسىلە چىقاتتى. ھەقىقەتەن جىددىيچىلىك بىر ۋاقىت ئىدى. مېنڭچە ھەر بىرىمىز، بېسىمنى پەرقلىق يوللار بىلەن ھەل قىلىمىز. بەزىلەر ئۆزىنى خىزمەتكە ئاتىۋېتىدۇ ۋە دېققىتىنى بۇرىۋەتكىنىدىن مىننەتدار بولىدۇ. يەنە بەزىلەر ياردەم سوراش ئۈچۈن ئائىلە ياكى دوستلىرىنىڭ يېنىغا چاپىدۇ. بەزىلىرى ھاراقتىن ئاچچىقىنى ئالىدۇ ياكى دورا يەۋالىدۇ. مېنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇم بولسا موناخقا ئايلىنىش. شۇ سەۋەپ ئوقۇشۇمنى تاشلىدىم، ۋە ھىمالاياغا قاراپ يول ئالدىم. بىر موناخ بولدۇم ۋە ئويلىنىشقا قارىتا تەتقىقاتنى باشلىۋەتتىم. كىشىلەر داۋاملىق مەندىن شۇ ۋاقتلاردا نېمە ئۆگەنگىنىمنى سورىشىدۇ. مۇنداقچە ئېيتساق جىق ئىشلار ئۆزگەرگەن بولدى. موناخ بولۇش ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتىدۇ. بىراق ئۇنىڭدىن مۇھىمراقى ئۇ مېنى تەربىيەلىدى-- ۋە ماڭا مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ھازىرقى پەيتتە ياشاش چۈشەنچىسىنى بەردى. دېمەكچى بولغىنىم خىياللار ئىچىدە غايىپ بولماسلىقنى زېھىننى چاچماسلىقنى بېسىم تۇيغۇلىرى ئىچىدە تۇنجۇقماستىن ھازىر مانا مۇشۇ يەردە قانداق تۇرۇشنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق دېققەتنى يىغىشنى ئۆگەتتى. مېنىڭچە "ھازىرقى پەيىت" نىڭ ئەھمىيىتىنى بىلەلمەيۋاتىسىلەر. قۇلاققا ئادەتتىكىچىلا ئاڭلىنىدۇ، يەنە تېخى، ھەممە ئىش يۈز بېرىۋاتقان ھازىر پەيتىڭىزگە تۇزۇك ۋاقىت بەرمەيسىز. يېقىندىلا خارۋاردتىن چىقىرىلغان بىر تەتقىقات ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، زېھنىمىز، نورمال ۋاقىتنىڭ 47 پىرسەنتدە خىياللار ئىچىدە غايىپ بولىدۇ. 47 پىرسەنت. شۇنداقلا بۇ خىل زېھىن ئىسراپچىلىقى پەرىشان بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ. ئەلۋەتتە، شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتمەيمىز، بىراق ھاياتىمىزنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى غايىپ خىياللارغا سەرپ قىلىش ۋە خاپىلىقتا ئۆتكۈزۈش، بىلمىدىم، ئەمما بىراز ئېچىنىشلىق كۆرىنىدۇ. بولۇپمۇ، بۇنىڭغا ئىجابىي، ئەمەلىي، ۋە يەتكىلى بولىدىغان پەن-تېخنىكا تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان زېھنىمىزنى تېخىمۇ ساغلام دېققەتنى يىغىپ ئاز چېچىلىدىغانغا ئامال قىلغىلى بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا. ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل تەرىپى، كۈندە پەقەت 10 مىنۇتلا ۋاقىت ئاجراتسىڭىز پۈتكۈل ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىشى. بىراق بۇنى قانداق قىلىشنى بىلشىمىز كېرەك. بىز مەشىقكە ۋە تۈزۈلمىگە مۇھتاج. قانداق قىلىپ دېققەتنى يىغىشنى شۇندىلا ئۆگىنىۋالالايمىز. مانا بۇ ئويلىنىشتۇر (meditation) . ئويلىنىش بىزنى ھازىرقى پەيتىمىز بىلەن باغلايدۇ. بىز ئۇنىڭدىن ئەڭ ياخشى ھۇسۇلنى ئېلىش ئۈچۈن، توغرا ھالدا ئۇنىڭغا قانداق يېقىنلىشىشنى بىلشىمىز كېرەك. ۋە بۇلارنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ، بەلكىم ئەنسىرەۋاتىسىز، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ئويلىنىش چۈشەنچىلەرنى توخىتىدۇ، تۇيغۇلاردىن ئايرىپ زېھىننى كونتىرۇل قىلىش دەپ گۈمانلىنىدۇ. ئەمما ئەھۋال بۇنىڭدىن خېلىلا پەرقلىىق. بۇ بەكرەك بىر قەدەم چېكىنىپ، چۈشەنچىلەرنى قايتىدىن ئېنىق كۆرگەنگە ئوخشايدۇ، پىكىرنىڭ كېلىشى ۋە كېتىشىنى، تۇيغۇلارنىڭ كېلىپ كېتىشىنى باھالىماستىن راھەتلىك بىلەن، دېققەتلىك بىر زېھىن بىلەن. مەسىلەن، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئەگەر دېققىتىمنى توپلارغا بەكرەك بەرسەم، ئوخشاش ۋاقىتتا، سىلەر بىلەن راھەت پاراڭلىشالمايمەن. ئەكىسچە، سىلەر بىلەن بەك راھەت پاراڭلىشىپ كەتسەم، توپلارغا دېققىتىمنى يىغالىشىم مۇمكىن ئەمەس. توپلار چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەمدى، ھاياتتىمۇ ۋە ئويلىنىشتىمۇ، دېققەتنى زىيادە يىغىش بىراز ھاردۇرۇپ قويىدۇ، ۋە ھاياتىڭىزمۇ مانا مۇنداق ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنداق چىڭ ۋە بېسىم ئاستىدا ياشاشمۇ بەكلا راھەتسىزلىك كەلتۈرىدۇ. شۇنداقلا، بەزىدە زىيادە بىغەم بولۇپ كېتىمىز. ئىشلار مانا مۇنداق بولۇشقا باشلايدۇ. ئەلۋەتتە ئويلىنىشتا (خورەك) ئۇخلاپلا قالىمىز. شۇڭا بىز دېققەتنى يىغىش ۋە راھەتلىك ئارىسىدا، پىكىرلەرنى كىرشىۋالماستىن كىرگۈزۈپ، چىقىرۋىتەلەيدىغان بىر تەڭپۇڭلۇق ئىزدەيمىز. بىز دېققەتنى يىغىشنى ئۆگىنىۋاتقاندا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بىر ئىش مەلۇم ئوي تەرىپىدىن بېسىم ھېس قىلىش. بۇنى ئەندىشىلىك بىر ئوي دەپ تۇرايلى، ھەممە ئىش نورمال، ئەمما تۇيۇقسىز كاللمىزغا ئەندىشىلىك بىر ئوي كېلىدۇ "ئاپلا، بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن" يەنە قايتىسىز، يەنە تەكرارلايسىز. " ئاپلا، مەن ئەنسىرەۋاتىمەن راستىنلا ئەندىشە قىلۋاتىمەن، نېمانچە كۆپ ئەندىشىلەر بۇ." بۇنى تونۇشتىن ئىلگىرى بولسا ئەندىشە ھېس قىلىشتىنمۇ ئەندىشە قىلىمىز. (كۈلكە) شۇنداق كۈلكىلىك ئەمما، بىز بۇنى ھەرۋاقىت ھەتتا ھەر كۈنى قىلىمىز. ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق چىشىڭىز لىڭشىپ قالغان ۋاقىتنى ئەسلەپ بېقىڭ لىڭشىپ قالغىنىنى ۋە ئاغرىۋاتقىنىنى بىلىسىز. بىراق ھەر 20، 30 سىكۇنتتا بىر نېمە قىلىسىز؟ (چايناپ تۇرۇپ) ئاغرىۋاتىدۇ. ۋە بۇ ھالەتنى كۈچلەندۇرىمىز، شۇنداققۇ؟ توختىماي ئۆزىمىزگە شۇنى دەيمىز، ۋە شۇنداق قىلىشنى تەكرارلايمىز. زېھىننىڭ بۇ خىل ھالەتتىن ۋە نۇسخىدىن قۇتۇلۇشنى ئۆگىنىشىنى پەقەت مۇشۇ شەكىلدە كۈزىتىپ تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئەگەر سىز ئولتۇرۇپ زېھىننى مۇشۇ ئۇسۇلدا كۈزەتسىڭىز. ئۇنىڭ ئوخشىمىغان نۇسخىلىرىنى كۆرىشىڭىز مۇمكىن. بەلكىم ھەر ۋاقىت تۇراقسىز بىر زېھىننى ئۇچۇرتىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر بەدىنىڭىزدە بىئاراملىق ھېس قىلسىڭىز ھەيران قالماڭ، سىز ئولتۇرۇپ ھېچ ئىش قىلمىسىڭىز زېھنىڭىز شۇنداق ھېس قىلىدۇ. سىز بەلكىم ئىنتايىن گال زېركىشلىك، خۇددىي ماشىنىدەك تۇيغۇسىز بىر زېھىننى ئۇچۇرتىشىڭىز مۇمكىن، ئۇ قارىماققا، ئورنىڭىزدىن تۇرىسىز خىزمەتكە بارىسىز، يەيسىز، ئۇخلايسىز، تۇرىسىز، يەنە خىزمەت. ئۇ بەلكىم بىر ئىچىڭىزنى پۇشۇردىغان ئوي بولۇشى مۇمكىن زېھنىڭىزدە توختىماي پىرقىراپ قاپسىلىپ تۇرغان. مەيلى نېمىلا بولسۇن ئويلىنىش سىزگە بىر قەدەم ئارقىغان چېكىنىش مۇمكىنچىلكى ۋە ئوخشىمايدىغان نوقتىدىن كۆرۈش پۇرسىتىنى بېرىدۇ، شۇندىلا ئىشلارنىڭ كۆرۈنگىنىدەك ئەمەسلىكىنى بايقىيالايسىز. ھاياتتا بېشىمىزغا كەلگە ھەربىر كىچىك ئىشنى ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئەمما ئۇلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈش شەكىلىنى ئۆزگەرتەلەيمىز. مانا بۇ ئويلىنىش ۋە پەرقلەشدۇرۇشنىڭ ماھىيەتتىكى كۈچى. كۈجە يېقىشىڭىزنىڭ، ياكى بىرەر پولدا ئولتۇرشىڭىزنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. بىر قەدەم چېكىنىپ، ھازىرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشكە پەقەتلا 10 مىنۇت ۋاقتىڭىز كۇپايە شۇندىلا، ئېنىقلىق، تىنچلىق ۋە دېققەتنى يىغىشنىڭ قالتىس بىر تۇيغۇسىنى تېتىيالايسىز. كۆپتىن كۆپ رەھمەت (ئالقىشلار)