Dream - Motivational Video
-
0:01 - 0:03.سىزنىڭ قانداق ئارزۇيىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن
-
0:03 - 0:06ئاشۇ ئارزۇيىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش جەريانىڭىزدا
-
0:06 - 0:09.قانچىلىك ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ماڭغىنىڭىز بىلەنمۇ كارىم يوق
-
0:10 - 0:12بىراق كاللىڭىزدا ئىزچىل ئويلاپ كېلىۋاتقان ئاشۇ ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى
-
0:13 - 0:14.تامامەن مۇمكىن
-
0:17 - 0:19بەزىلىرىڭلار بۇنىڭ قىيىنلىقىنى
-
0:20 - 0:21.ئاللىقاچان بىلىپ يەتكەن
-
0:21 - 0:23.ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس
-
0:23 - 0:25.تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىش قىيىن
-
0:27 - 0:30،ئارزۇيىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش جەريانىدا
-
0:31 - 0:35،قايتا-قايتىلاپ سىزنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا
-
0:36 - 0:37،كۆپلىگەن مەغلۇبىيەتلەرگە
-
0:37 - 0:39.ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرايسىز
-
0:40 - 0:42،ئارزۇيىڭىزغا يېتەلمەي ئۆزىڭىزدىن گۇمانلانغان چاغلىرىڭىزدا
-
0:42 - 0:45ئاھ خۇدا، نېمىشقا؟ نېمىشقا مەن مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇقىمەن؟»
-
0:46 - 0:48.مەن پەقەت بالىلىرىمغا ۋە ئانامغا ياخشى كۈن كۆرسەتمەكچى ئىدىمغۇ
-
0:48 - 0:51.ھېچكىمنى بۇلاش ياكى ھېچكىمدىن ئوغرىلاش خىيالىم يوق ئىدىغۇ
-
0:52 - 0:54.قانداقسىگە بېشىمغا مۇشۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ؟» دەپ زارلىنىسىز
-
0:55 - 0:58،بېشىدىن ئازراق قىيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە دەيدىغىنىم شۇكى
-
0:59 - 1:00.ئارزۇيىڭىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەڭ
-
1:02 - 1:05!شۇنداق قىيىن ۋاقىتلارمۇ كېلىدۇ، بىراق ئۇلار ھەرگىزمۇ تۇرۇپ قالغىلى كەلگەن ئەمەس
-
1:05 - 1:07.ئۇلار ئۆتۈپ كەتكىلى كەلگەن
-
1:10 - 1:19بۈيۈكلۈك ھەرگىزمۇ ئۇنچە ئاجايىپ، سىرلىق، خىيالىي ياكى پەرۋەردىگارغىلا خاس بولغان
-
1:19 - 1:24.پەقەت ئارىمىزدىكى ئالاھىدە ئادەملەرلا ئېرىشىدىغان نەرسە ئەمەس
-
1:24 - 1:28.بىلىڭكى، بۈيۈكلۈك ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي تۈردە مەۋجۇت نەرسە
-
1:30 - 1:34.ئۆزىڭىزنىڭ شۇ بۈيۈكلۈكنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىش ناھايىتى مۇھىم
-
1:40 - 1:44.كۆپىنچە ئادەملەر پەقەت ئائىلە قۇرىدۇ، ياشايدۇ ۋە ئۆلۈپ تۈگەيدۇ
-
1:44 - 1:48،ئۇلار ئۆزىنى كۈچەيتىشنى توختىتىدۇ، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشنى توختىتىدۇ، تىرىشچانلىقنى توختىتىدۇ
-
1:48 - 1:50.ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇشنى توختىتىدۇ
-
1:50 - 1:52،ئاغرىنىشقا ئامراق نۇرغۇن ئادەملەر بار
-
1:52 - 1:55.ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئوڭشاش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ
-
1:55 - 1:57شۇنداقلا كۆپىنچە ئادەملەر ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدۇ. نېمىشقا؟
-
1:58 - 2:03.بىر سەۋەب قورقىدۇ. مەغلۇب بولۇشتىن قورقىدۇ. ناۋادا ئىشلار ئويلىغاندەك بولمىسىچۇ؟ دەپ قورقىدۇ
-
2:03 - 2:06.شۇنداقلا غەلبە قورقۇنچىمۇ بار. «ناۋادا غەلبە قىلسام، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالمىسامچۇ؟» دەپ قورقىدۇ
-
2:06 - 2:08.بۇلار ھەرگىزمۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئەمەس
-
2:09 - 2:11.سىز نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئۆتكۈزىسىز
-
2:11 - 2:13.باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرستىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىسىز
-
2:13 - 2:15.سىز باشقا ئادەملەرنى ئۆزىڭىزنى بىلگەندىنمۇ ياخشىراق بىلىسىز
-
2:15 - 2:18،ئۇلارنى تەتقىق قىلىسىز، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىمۇ بىلىسىز، ئۇلارغا ئوخشاش ۋاقىت ئۆتكۈزسەم دەيسىز
-
2:19 - 2:20.سىز نەق شۇلارغا ئوخشاش بولۇشنى خالايسىز
-
2:20 - 2:21بىلەمسىز؟
-
2:21 - 2:23.سىز ئۇلارغا شۇنداق كۆپ ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلغاچقا، ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيسىز
-
2:23 - 2:26.مەن ۋاقتىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئاجرىتىشىڭىزغا چاقىرىق قىلىمەن
-
2:26 - 2:32.ئەگەر ئارزۇيىڭىزدىكىدەك ياشايمەن دەيدىكەنسىز، بىكارچىلارنى تۇرمۇشىڭىزدىن يوق قىلىش ناھايىتى زۆرۈر
-
2:36 - 2:40.ئەمما ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا قاراپ چېپىۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ ھايات ئالاھىدە بىر خىل مەنىگە ئىگە
-
2:42 - 2:44،سىز ئارزۇيىڭىزغا مۇۋاپىق بىر ئادەمگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا
-
2:44 - 2:46.قىلىدىغان تۇنجى ئىشىڭىز ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ئايرىشقا باشلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ
-
2:46 - 2:48.سىزدە ئېنىق بىر مۇكەممەللىك بولۇشقا باشلايدۇ
-
2:48 - 2:51،باشقىلارغا توختىماي ئەگىشىدىغانلا بولسىڭىز، داۋاملىق «دورامچۇق» بولۇش بىلەنلا ئۆتسىڭىز
-
2:52 - 2:55.سىز مەڭگۈ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى «دورامچۇق» بولالمايسىز
-
2:55 - 2:57.ئەمما سىز ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى بولالايدىغان «سىز» تامامەن بولالايسىز
-
2:57 - 2:59.مەن ئۆز قىممىتىڭىزنى تېپىشقا چاقىرىق قىلىمەن
-
3:02 - 3:06،ئېنىقكى ھەممىلا ئادەم بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، ھەممىلا ئادەم سىزگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ
-
3:06 - 3:09.ھەممىلا ئادەمدە بۇنداق تەسەۋۋۇر بولىۋەرمەيدۇ
-
3:09 - 3:11ئۆزىڭىزنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان يېڭىچە بىر ئادەم
-
3:11 - 3:13.ئىكەنلىكىڭىزنى تونۇپ يېتىش تولىمۇ مۇھىم
-
3:14 - 3:17باشقىلار بىلەن مۇۋاپىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىڭىز شۇنداقلا باشقىلارنى
-
3:17 - 3:19.ئۆزىڭىزنىڭ سودىسىغا قىزىقتۇرىشڭىز تولىمۇ مۇھىم
-
3:19 - 3:21كىملەر تەشنا بولغان ھالدا تۇرىدۇ؟
-
3:21 - 3:24،ئىش قىلىشتىن توختاتقىلى بولمايدىغان ۋە سەۋەب-نەتىجە سۈرۈشتۈرمەيدىغان
-
3:24 - 3:29!تۇرمۇشنى شۇنداقلا ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان، تېخىمۇ كۆپكە ئىنتىلىدىغان ئادەملەر تەشنا بولغان ھالدا تۇرىدۇ
-
3:30 - 3:34!!!ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكى تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان ئادەملەر غەلبە قىلغۇچىلار پارتىيىسىدۇر
.زۆرۈرىيەتنى تونۇپ يەتكەنلەردۇر -
3:35 - 3:39ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكى تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان ئادەملەر، ئەگەر تۇرمۇشىدا غەلبە بولىدىكەن
-
3:39 - 3:41!ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئادەملەردۇر
-
3:43 - 3:44،ئەگەر تېخىمۇ چوڭ غەلبە قازىنىشنى خالىسىڭىز
-
3:44 - 3:47،ئەگەر ھاياتىڭىزدا ئېرىشىپ باقمىغان ياكى قىلىپ باقمىغان بىر ئىش قىلىش ئۈمىدىدە بولسىڭىز
-
3:47 - 3:51!دەيدىغان ئىككىنچى سۆزۈم، ئۆزىڭىزگە مەبلەغ سېلىڭ، ئۆزىڭىزگە مەبلەغ سېلىڭ
-
3:51 - 3:55.باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ سىزنىڭ رېئاللىقىڭىزغا ئايلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق
-
3:55 - 3:58.ھاياتىڭىزنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈپىتىدە ئۆتكۈزىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق
-
3:59 - 4:03ھەتتا سىز قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان تەقدىردىمۇ، چوقۇم ۋۇجۇدىڭىزدا «مەن قىلالايمەن! ھېچكىم بۇنى تونۇپ
-
4:04 - 4:09.يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزەم چوقۇم تونۇپ يېتىشىم كېرەك.» دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىز كېرەك
-
4:11 - 4:17.مانا بۇ مەن ئىشەنچ قىلغان ئىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈشكىمۇ رازىمەن، باشقىسى مۇھىم ئەمەس
-
4:17 - 4:21،ئەھۋالنىڭ قانچىلىك يامان بولۇشىدىن ياكى قانچىلىك يامانلىشىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر
-
4:22 - 4:24!چوقۇم بىر باشقا ئېلىپ چىقىمەن
-
4:25 - 4:27.مېنىڭ بىر ئىدىيەگە ۋەكىللىك قىلغۇم بار
-
4:27 - 4:29.مېنىڭ ئىمكانىيەتكە ۋەكىللىك قىلغۇم بار
-
4:31 - 4:34.بىر قىسمىڭلار ھازىر نېمە دەۋاتقانلىقىمنى ئوبدان بىلىسىلەر، يەنە بىر دەرىجە يۇقىرىغا چىققۇڭلار بار
-
4:34 - 4:38.مۇدىرىيەت ئەزاسى بولغۇم بار، ئىنژېنېر بولغۇم بار ياكى دوختۇر بولغۇم بار دېگەندەك
-
4:38 - 4:40.گېپىمنى ئاڭلاڭ، سىز ئۇ دەرىجىگە چىقالمايسىز
-
4:40 - 4:42ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىڭىز يەتمەكچى بولغان ئۇ دەرىجىگە تاكى سىز
-
4:42 - 4:44.زېھنىڭىزگە مەبلەغ سېلىشنى باشلىماي تۇرۇپ چىقالمايسىز
-
4:44 - 4:45.سىز كىتاب ئوقۇمايۋاتىسىز
-
4:45 - 4:47.مەن ھەممىڭلارنىڭ مۇنازىرە سورۇنلىرىغا بېرىپ تۇرۇشۇڭلارنى چاقىرىق قىلىمەن
-
4:48 - 4:49!مەن ئۆزىڭىزگە يۇقىرى مەبلەغ سېلىشقا بۇيرۇيمەن
-
4:49 - 4:50!مەن يالغۇزلۇققا بۇيرۇيمەن
-
4:50 - 4:53!مەن سائەت-سائەتلەپ ۋاقىتنى ئۆزىڭىزنى تونۇشقا سەرپ قىلىشقا بۇيرۇيمەن
-
4:53 - 4:58،ھەقىقىي ئۆزىڭىزگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا، يارالمىشىڭىزدا تەقدىر قىلىنغان ئادەمگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا
-
4:58 - 5:00،ئەسلىڭىزدە لايىھەلەنگەن ئادەمگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا
-
5:00 - 5:02،ئايرىم بىر شەخسكە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا
-
5:02 - 5:06.قىلىدىغان ئىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىپ باشقا ئادەملەردىن ئايرىشقا باشلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ
-
5:06 - 5:08مەن سىزنىڭ، سىزنى ھېچكىم تونۇمايدىغان شۇنداقلا ھەرگىزمۇ ئاۋارە
.قىلالمايدىغان بىر جايغا كېتىشىڭىزنى چاقىرىق قىلىمەن -
5:08 - 5:11!نېمىشقا؟ چۈنكى سىز ئۇلارنى قانداق قىلىپ خۇشال قىلارمەن دەپ زېھنىڭىزنى خورىتىپ يۈرمەيسىز
-
5:11 - 5:14.چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنى تونۇتۇش، ئۆزىڭىزنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىسىز
-
5:14 - 5:16!مەن سىزنىڭ ئۆز زېھنىڭىزگە مەبلەغ سېلىشڭىزغا موھتاج
-
5:17 - 5:18،ناۋادا سىز ھېلىمۇ ئارزۇيىڭىز ھەققىدە گەپ سېتىۋاتقان بولسىڭىز
-
5:18 - 5:20،ناۋادا سىز يەنىلا نىشانىڭىز ھەققىدە گەپ سېتىۋاتقان بولسىڭىز
-
5:20 - 5:23!لېكىن تېخى ھېچ ئىش قىلمىغان بولسىڭىز ئۇنداقتا تۇنجى قەدەمنى ئېلىڭ
-
5:24 - 5:25،ئاتا-ئانىڭىزنى پەخىرلەندۈرەلەيدىغان بىر ئىش قىلالايسىز
-
5:25 - 5:27.مەكتىپىڭىزنى پەخىرلەندۈرەلەيدىغان بىر ئىش قىلالايسىز
-
5:27 - 5:32سىز مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز شۇنداقلا دۇنيامۇ
!ئەسلىدىكىگە ئوخشىمايدىغان باشقىچە دۇنيا بولۇپ ئۆزگىرىدۇ -
5:32 - 5:36!چۈنكى سىز شۇنچە يولنى بېسىپ كەلدىڭىز، ھېچكىمنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئوغرىلاپ كېتىشىگە يول قويماڭ
-
5:36 - 5:41بىز رەت قىلىنىشقا، «ياق» دېيىشلەرگە ئۇچرىدۇق. يىغىن ئاچساق ھېچكىم كەلمىدى
-
5:41 - 5:45.ياكى بىرسى «ماڭا ئىشەنسەڭ بولىدۇ» دەپ قويۇپ ئېھتىياجىمىز چۈشكەندە بىزنى نائۈمىد قويدى
-
5:45 - 5:48ناۋادا بىزدىمۇ ئاشۇنداق ئۈزۈكچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پوزىتسىيە بولسىچۇ؟
-
5:48 - 5:52.ئۇ چاغدا سىزگىمۇ ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. كەينى-كەينىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدىڭىز! يوللىرىڭىز توسۇلدى
-
5:52 - 5:56بىراق سىز يەنىلا ئارزۇيىڭىزغا ئىنتىلىۋاتىسىز، ھەر كۈنى ئازرۇيىڭىزنىڭ كويىدا تەكرار تەجرىبە يەكۈنلەۋاتىسىز
-
5:56 - 6:00.شۇنداقلا ئۆزىڭىزگە «مەن غەلبە قىلمىغۇچە ئىزدىنىشىم توختىمايدۇ!» دەپ خىتاب قىلىۋاتىسىز
-
6:05 - 6:10!!!سىز ئارزۇيىڭىزدىكى تۇرمۇشتا ياشىيالايسىز
- Title:
- Dream - Motivational Video
- Description:
-
Facebook: https://www.facebook.com/themateuszm
Instagram: http://bit.ly/1fjzPrZ
SoundCloud: http://bit.ly/Mon20yIf you like my videos
Feel free to send Donations on my Channel:
https://www.paypal.com/cgi-bin/webscr?cmd=_donations&business=a_miroslaw%40interia%2epl&lc=GB&item_name=Mateusz%20M&no_note=0¤cy_code=USD&bn=PP%2dDonationsBF%3abtn_donate_LG%2egif%3aNonHostedGuestMusic:
(00:13) Tom Tykwer, Johnny Klimek & Reinhold Heil: Prelude - The Atlas March
(01:05) Angelo Milli: Requiem
(01:37) Steve Jablonsky: Bumblebee
(04:08) Hans Zimmer: Arcade
(06:07) Hans Zimmer: I Will Find HimMovies:
Into The Wild, Rocky 4, Seven Pounds, Pursuit of Happyness, A Beautiful Mind.Speakers:
Les Brown: https://www.facebook.com/Brown.Les,
Eric Thomas: http://www.youtube.com/user/etthehiphoppreacher
Will Smith: https://www.facebook.com/WillSmithOdważ Się Żyć: https://www.facebook.com/odwazsiezyc
Help me caption & translate this video!
http://amara.org/pl/videos/WC51MYVGtcbl/ - Video Language:
- Arabic
- Duration:
- 06:20
Mr_Mystery edited Uyghur subtitles for Dream - Motivational Video |