.سىزنىڭ قانداق ئارزۇيىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن ئاشۇ ئارزۇيىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش جەريانىڭىزدا .قانچىلىك ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ماڭغىنىڭىز بىلەنمۇ كارىم يوق بىراق كاللىڭىزدا ئىزچىل ئويلاپ كېلىۋاتقان ئاشۇ ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى .تامامەن مۇمكىن بەزىلىرىڭلار بۇنىڭ قىيىنلىقىنى .ئاللىقاچان بىلىپ يەتكەن .ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس .تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىش قىيىن ،ئارزۇيىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش جەريانىدا ،قايتا-قايتىلاپ سىزنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا ،كۆپلىگەن مەغلۇبىيەتلەرگە .ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرايسىز ،ئارزۇيىڭىزغا يېتەلمەي ئۆزىڭىزدىن گۇمانلانغان چاغلىرىڭىزدا ئاھ خۇدا، نېمىشقا؟ نېمىشقا مەن مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇقىمەن؟» .مەن پەقەت بالىلىرىمغا ۋە ئانامغا ياخشى كۈن كۆرسەتمەكچى ئىدىمغۇ .ھېچكىمنى بۇلاش ياكى ھېچكىمدىن ئوغرىلاش خىيالىم يوق ئىدىغۇ .قانداقسىگە بېشىمغا مۇشۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ؟» دەپ زارلىنىسىز ،بېشىدىن ئازراق قىيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە دەيدىغىنىم شۇكى .ئارزۇيىڭىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەڭ !شۇنداق قىيىن ۋاقىتلارمۇ كېلىدۇ، بىراق ئۇلار ھەرگىزمۇ تۇرۇپ قالغىلى كەلگەن ئەمەس .ئۇلار ئۆتۈپ كەتكىلى كەلگەن بۈيۈكلۈك ھەرگىزمۇ ئۇنچە ئاجايىپ، سىرلىق، خىيالىي ياكى پەرۋەردىگارغىلا خاس بولغان .پەقەت ئارىمىزدىكى ئالاھىدە ئادەملەرلا ئېرىشىدىغان نەرسە ئەمەس .بىلىڭكى، بۈيۈكلۈك ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي تۈردە مەۋجۇت نەرسە .ئۆزىڭىزنىڭ شۇ بۈيۈكلۈكنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىش ناھايىتى مۇھىم .كۆپىنچە ئادەملەر پەقەت ئائىلە قۇرىدۇ، ياشايدۇ ۋە ئۆلۈپ تۈگەيدۇ ،ئۇلار ئۆزىنى كۈچەيتىشنى توختىتىدۇ، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشنى توختىتىدۇ، تىرىشچانلىقنى توختىتىدۇ .ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇشنى توختىتىدۇ ،ئاغرىنىشقا ئامراق نۇرغۇن ئادەملەر بار .ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئوڭشاش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ شۇنداقلا كۆپىنچە ئادەملەر ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدۇ. نېمىشقا؟ .بىر سەۋەب قورقىدۇ. مەغلۇب بولۇشتىن قورقىدۇ. ناۋادا ئىشلار ئويلىغاندەك بولمىسىچۇ؟ دەپ قورقىدۇ .شۇنداقلا غەلبە قورقۇنچىمۇ بار. «ناۋادا غەلبە قىلسام، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالمىسامچۇ؟» دەپ قورقىدۇ .بۇلار ھەرگىزمۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئەمەس .سىز نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئۆتكۈزىسىز .باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرستىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىسىز .سىز باشقا ئادەملەرنى ئۆزىڭىزنى بىلگەندىنمۇ ياخشىراق بىلىسىز ،ئۇلارنى تەتقىق قىلىسىز، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىمۇ بىلىسىز، ئۇلارغا ئوخشاش ۋاقىت ئۆتكۈزسەم دەيسىز .سىز نەق شۇلارغا ئوخشاش بولۇشنى خالايسىز بىلەمسىز؟ .سىز ئۇلارغا شۇنداق كۆپ ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلغاچقا، ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيسىز .مەن ۋاقتىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئاجرىتىشىڭىزغا چاقىرىق قىلىمەن .ئەگەر ئارزۇيىڭىزدىكىدەك ياشايمەن دەيدىكەنسىز، بىكارچىلارنى تۇرمۇشىڭىزدىن يوق قىلىش ناھايىتى زۆرۈر .ئەمما ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا قاراپ چېپىۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ ھايات ئالاھىدە بىر خىل مەنىگە ئىگە ،سىز ئارزۇيىڭىزغا مۇۋاپىق بىر ئادەمگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا .قىلىدىغان تۇنجى ئىشىڭىز ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ئايرىشقا باشلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ .سىزدە ئېنىق بىر مۇكەممەللىك بولۇشقا باشلايدۇ ،باشقىلارغا توختىماي ئەگىشىدىغانلا بولسىڭىز، داۋاملىق «دورامچۇق» بولۇش بىلەنلا ئۆتسىڭىز .سىز مەڭگۈ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى «دورامچۇق» بولالمايسىز .ئەمما سىز ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى بولالايدىغان «سىز» تامامەن بولالايسىز .مەن ئۆز قىممىتىڭىزنى تېپىشقا چاقىرىق قىلىمەن ،ئېنىقكى ھەممىلا ئادەم بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، ھەممىلا ئادەم سىزگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ .ھەممىلا ئادەمدە بۇنداق تەسەۋۋۇر بولىۋەرمەيدۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان يېڭىچە بىر ئادەم .ئىكەنلىكىڭىزنى تونۇپ يېتىش تولىمۇ مۇھىم باشقىلار بىلەن مۇۋاپىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىڭىز شۇنداقلا باشقىلارنى .ئۆزىڭىزنىڭ سودىسىغا قىزىقتۇرىشڭىز تولىمۇ مۇھىم كىملەر تەشنا بولغان ھالدا تۇرىدۇ؟ ،ئىش قىلىشتىن توختاتقىلى بولمايدىغان ۋە سەۋەب-نەتىجە سۈرۈشتۈرمەيدىغان !تۇرمۇشنى شۇنداقلا ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان، تېخىمۇ كۆپكە ئىنتىلىدىغان ئادەملەر تەشنا بولغان ھالدا تۇرىدۇ !!!ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكى تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان ئادەملەر غەلبە قىلغۇچىلار پارتىيىسىدۇر .زۆرۈرىيەتنى تونۇپ يەتكەنلەردۇر ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكى تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان ئادەملەر، ئەگەر تۇرمۇشىدا غەلبە بولىدىكەن !ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئادەملەردۇر ،ئەگەر تېخىمۇ چوڭ غەلبە قازىنىشنى خالىسىڭىز ،ئەگەر ھاياتىڭىزدا ئېرىشىپ باقمىغان ياكى قىلىپ باقمىغان بىر ئىش قىلىش ئۈمىدىدە بولسىڭىز !دەيدىغان ئىككىنچى سۆزۈم، ئۆزىڭىزگە مەبلەغ سېلىڭ، ئۆزىڭىزگە مەبلەغ سېلىڭ .باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ سىزنىڭ رېئاللىقىڭىزغا ئايلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق .ھاياتىڭىزنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈپىتىدە ئۆتكۈزىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ھەتتا سىز قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان تەقدىردىمۇ، چوقۇم ۋۇجۇدىڭىزدا «مەن قىلالايمەن! ھېچكىم بۇنى تونۇپ .يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزەم چوقۇم تونۇپ يېتىشىم كېرەك.» دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىز كېرەك .مانا بۇ مەن ئىشەنچ قىلغان ئىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈشكىمۇ رازىمەن، باشقىسى مۇھىم ئەمەس ،ئەھۋالنىڭ قانچىلىك يامان بولۇشىدىن ياكى قانچىلىك يامانلىشىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر !چوقۇم بىر باشقا ئېلىپ چىقىمەن .مېنىڭ بىر ئىدىيەگە ۋەكىللىك قىلغۇم بار .مېنىڭ ئىمكانىيەتكە ۋەكىللىك قىلغۇم بار .بىر قىسمىڭلار ھازىر نېمە دەۋاتقانلىقىمنى ئوبدان بىلىسىلەر، يەنە بىر دەرىجە يۇقىرىغا چىققۇڭلار بار .مۇدىرىيەت ئەزاسى بولغۇم بار، ئىنژېنېر بولغۇم بار ياكى دوختۇر بولغۇم بار دېگەندەك .گېپىمنى ئاڭلاڭ، سىز ئۇ دەرىجىگە چىقالمايسىز ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىڭىز يەتمەكچى بولغان ئۇ دەرىجىگە تاكى سىز .زېھنىڭىزگە مەبلەغ سېلىشنى باشلىماي تۇرۇپ چىقالمايسىز .سىز كىتاب ئوقۇمايۋاتىسىز .مەن ھەممىڭلارنىڭ مۇنازىرە سورۇنلىرىغا بېرىپ تۇرۇشۇڭلارنى چاقىرىق قىلىمەن !مەن ئۆزىڭىزگە يۇقىرى مەبلەغ سېلىشقا بۇيرۇيمەن !مەن يالغۇزلۇققا بۇيرۇيمەن !مەن سائەت-سائەتلەپ ۋاقىتنى ئۆزىڭىزنى تونۇشقا سەرپ قىلىشقا بۇيرۇيمەن ،ھەقىقىي ئۆزىڭىزگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا، يارالمىشىڭىزدا تەقدىر قىلىنغان ئادەمگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا ،ئەسلىڭىزدە لايىھەلەنگەن ئادەمگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا ،ئايرىم بىر شەخسكە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا .قىلىدىغان ئىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىپ باشقا ئادەملەردىن ئايرىشقا باشلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ مەن سىزنىڭ، سىزنى ھېچكىم تونۇمايدىغان شۇنداقلا ھەرگىزمۇ ئاۋارە .قىلالمايدىغان بىر جايغا كېتىشىڭىزنى چاقىرىق قىلىمەن !نېمىشقا؟ چۈنكى سىز ئۇلارنى قانداق قىلىپ خۇشال قىلارمەن دەپ زېھنىڭىزنى خورىتىپ يۈرمەيسىز .چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنى تونۇتۇش، ئۆزىڭىزنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىسىز !مەن سىزنىڭ ئۆز زېھنىڭىزگە مەبلەغ سېلىشڭىزغا موھتاج ،ناۋادا سىز ھېلىمۇ ئارزۇيىڭىز ھەققىدە گەپ سېتىۋاتقان بولسىڭىز ،ناۋادا سىز يەنىلا نىشانىڭىز ھەققىدە گەپ سېتىۋاتقان بولسىڭىز !لېكىن تېخى ھېچ ئىش قىلمىغان بولسىڭىز ئۇنداقتا تۇنجى قەدەمنى ئېلىڭ ،ئاتا-ئانىڭىزنى پەخىرلەندۈرەلەيدىغان بىر ئىش قىلالايسىز .مەكتىپىڭىزنى پەخىرلەندۈرەلەيدىغان بىر ئىش قىلالايسىز سىز مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز شۇنداقلا دۇنيامۇ !ئەسلىدىكىگە ئوخشىمايدىغان باشقىچە دۇنيا بولۇپ ئۆزگىرىدۇ !چۈنكى سىز شۇنچە يولنى بېسىپ كەلدىڭىز، ھېچكىمنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئوغرىلاپ كېتىشىگە يول قويماڭ بىز رەت قىلىنىشقا، «ياق» دېيىشلەرگە ئۇچرىدۇق. يىغىن ئاچساق ھېچكىم كەلمىدى .ياكى بىرسى «ماڭا ئىشەنسەڭ بولىدۇ» دەپ قويۇپ ئېھتىياجىمىز چۈشكەندە بىزنى نائۈمىد قويدى ناۋادا بىزدىمۇ ئاشۇنداق ئۈزۈكچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پوزىتسىيە بولسىچۇ؟ .ئۇ چاغدا سىزگىمۇ ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. كەينى-كەينىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدىڭىز! يوللىرىڭىز توسۇلدى بىراق سىز يەنىلا ئارزۇيىڭىزغا ئىنتىلىۋاتىسىز، ھەر كۈنى ئازرۇيىڭىزنىڭ كويىدا تەكرار تەجرىبە يەكۈنلەۋاتىسىز .شۇنداقلا ئۆزىڭىزگە «مەن غەلبە قىلمىغۇچە ئىزدىنىشىم توختىمايدۇ!» دەپ خىتاب قىلىۋاتىسىز !!!سىز ئارزۇيىڭىزدىكى تۇرمۇشتا ياشىيالايسىز