WEBVTT 00:00:00.700 --> 00:00:02.660 .سىزنىڭ قانداق ئارزۇيىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن 00:00:03.350 --> 00:00:06.130 ئاشۇ ئارزۇيىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش جەريانىڭىزدا 00:00:06.350 --> 00:00:08.670 .قانچىلىك ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ماڭغىنىڭىز بىلەنمۇ كارىم يوق 00:00:09.600 --> 00:00:11.820 بىراق كاللىڭىزدا ئىزچىل ئويلاپ كېلىۋاتقان ئاشۇ ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى 00:00:12.750 --> 00:00:14.500 .تامامەن مۇمكىن 00:00:17.250 --> 00:00:19.180 بەزىلىرىڭلار بۇنىڭ قىيىنلىقىنى 00:00:19.650 --> 00:00:21.180 .ئاللىقاچان بىلىپ يەتكەن 00:00:21.380 --> 00:00:22.620 .ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس 00:00:23.330 --> 00:00:25.050 .تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىش قىيىن 00:00:26.780 --> 00:00:30.200 ،ئارزۇيىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش جەريانىدا 00:00:31.150 --> 00:00:35.100 ،قايتا-قايتىلاپ سىزنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا 00:00:35.600 --> 00:00:36.770 ،كۆپلىگەن مەغلۇبىيەتلەرگە 00:00:37.360 --> 00:00:38.650 .ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرايسىز 00:00:39.750 --> 00:00:42.300 ،ئارزۇيىڭىزغا يېتەلمەي ئۆزىڭىزدىن گۇمانلانغان چاغلىرىڭىزدا 00:00:42.450 --> 00:00:45.250 ئاھ خۇدا، نېمىشقا؟ نېمىشقا مەن مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇقىمەن؟» 00:00:45.500 --> 00:00:48.220 .مەن پەقەت بالىلىرىمغا ۋە ئانامغا ياخشى كۈن كۆرسەتمەكچى ئىدىمغۇ 00:00:48.500 --> 00:00:50.900 .ھېچكىمنى بۇلاش ياكى ھېچكىمدىن ئوغرىلاش خىيالىم يوق ئىدىغۇ 00:00:51.870 --> 00:00:53.600 .قانداقسىگە بېشىمغا مۇشۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ؟» دەپ زارلىنىسىز 00:00:55.080 --> 00:00:57.900 ،بېشىدىن ئازراق قىيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە دەيدىغىنىم شۇكى 00:00:58.700 --> 00:01:00.200 .ئارزۇيىڭىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەڭ 00:01:01.500 --> 00:01:04.800 !شۇنداق قىيىن ۋاقىتلارمۇ كېلىدۇ، بىراق ئۇلار ھەرگىزمۇ تۇرۇپ قالغىلى كەلگەن ئەمەس 00:01:05.300 --> 00:01:07.160 .ئۇلار ئۆتۈپ كەتكىلى كەلگەن 00:01:10.280 --> 00:01:18.810 بۈيۈكلۈك ھەرگىزمۇ ئۇنچە ئاجايىپ، سىرلىق، خىيالىي ياكى پەرۋەردىگارغىلا خاس بولغان 00:01:19.050 --> 00:01:23.500 .پەقەت ئارىمىزدىكى ئالاھىدە ئادەملەرلا ئېرىشىدىغان نەرسە ئەمەس 00:01:23.550 --> 00:01:28.200 .بىلىڭكى، بۈيۈكلۈك ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي تۈردە مەۋجۇت نەرسە 00:01:29.710 --> 00:01:34.500 .ئۆزىڭىزنىڭ شۇ بۈيۈكلۈكنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىش ناھايىتى مۇھىم 00:01:40.100 --> 00:01:44.070 .كۆپىنچە ئادەملەر پەقەت ئائىلە قۇرىدۇ، ياشايدۇ ۋە ئۆلۈپ تۈگەيدۇ 00:01:44.300 --> 00:01:47.900 ،ئۇلار ئۆزىنى كۈچەيتىشنى توختىتىدۇ، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشنى توختىتىدۇ، تىرىشچانلىقنى توختىتىدۇ 00:01:48.140 --> 00:01:50.090 .ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇشنى توختىتىدۇ 00:01:50.300 --> 00:01:52.130 ،ئاغرىنىشقا ئامراق نۇرغۇن ئادەملەر بار 00:01:52.140 --> 00:01:54.800 .ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئوڭشاش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ 00:01:55.100 --> 00:01:57.450 شۇنداقلا كۆپىنچە ئادەملەر ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدۇ. نېمىشقا؟ 00:01:57.800 --> 00:02:03.150 .بىر سەۋەب قورقىدۇ. مەغلۇب بولۇشتىن قورقىدۇ. ناۋادا ئىشلار ئويلىغاندەك بولمىسىچۇ؟ دەپ قورقىدۇ 00:02:03.200 --> 00:02:06.300 .شۇنداقلا غەلبە قورقۇنچىمۇ بار. «ناۋادا غەلبە قىلسام، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالمىسامچۇ؟» دەپ قورقىدۇ 00:02:06.400 --> 00:02:07.800 .بۇلار ھەرگىزمۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئەمەس 00:02:09.220 --> 00:02:10.900 .سىز نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئۆتكۈزىسىز 00:02:10.949 --> 00:02:13.250 .باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرستىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىسىز 00:02:13.300 --> 00:02:15.350 .سىز باشقا ئادەملەرنى ئۆزىڭىزنى بىلگەندىنمۇ ياخشىراق بىلىسىز 00:02:15.400 --> 00:02:18.500 ،ئۇلارنى تەتقىق قىلىسىز، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىمۇ بىلىسىز، ئۇلارغا ئوخشاش ۋاقىت ئۆتكۈزسەم دەيسىز 00:02:18.550 --> 00:02:19.950 .سىز نەق شۇلارغا ئوخشاش بولۇشنى خالايسىز 00:02:20.000 --> 00:02:20.700 بىلەمسىز؟ 00:02:20.750 --> 00:02:23.300 .سىز ئۇلارغا شۇنداق كۆپ ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلغاچقا، ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيسىز 00:02:23.350 --> 00:02:25.550 .مەن ۋاقتىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئاجرىتىشىڭىزغا چاقىرىق قىلىمەن 00:02:26.500 --> 00:02:31.980 .ئەگەر ئارزۇيىڭىزدىكىدەك ياشايمەن دەيدىكەنسىز، بىكارچىلارنى تۇرمۇشىڭىزدىن يوق قىلىش ناھايىتى زۆرۈر 00:02:35.600 --> 00:02:39.800 .ئەمما ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا قاراپ چېپىۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ ھايات ئالاھىدە بىر خىل مەنىگە ئىگە 00:02:41.800 --> 00:02:43.800 ،سىز ئارزۇيىڭىزغا مۇۋاپىق بىر ئادەمگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا 00:02:43.850 --> 00:02:46.300 .قىلىدىغان تۇنجى ئىشىڭىز ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ئايرىشقا باشلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ 00:02:46.380 --> 00:02:48.150 .سىزدە ئېنىق بىر مۇكەممەللىك بولۇشقا باشلايدۇ 00:02:48.200 --> 00:02:51.280 ،باشقىلارغا توختىماي ئەگىشىدىغانلا بولسىڭىز، داۋاملىق «دورامچۇق» بولۇش بىلەنلا ئۆتسىڭىز 00:02:51.500 --> 00:02:54.680 .سىز مەڭگۈ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى «دورامچۇق» بولالمايسىز 00:02:54.700 --> 00:02:56.700 .ئەمما سىز ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى بولالايدىغان «سىز» تامامەن بولالايسىز 00:02:56.750 --> 00:02:59.010 .مەن ئۆز قىممىتىڭىزنى تېپىشقا چاقىرىق قىلىمەن 00:03:02.150 --> 00:03:06.280 ،ئېنىقكى ھەممىلا ئادەم بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، ھەممىلا ئادەم سىزگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ 00:03:06.500 --> 00:03:08.520 .ھەممىلا ئادەمدە بۇنداق تەسەۋۋۇر بولىۋەرمەيدۇ 00:03:08.900 --> 00:03:10.600 ئۆزىڭىزنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان يېڭىچە بىر ئادەم 00:03:11.100 --> 00:03:13.450 .ئىكەنلىكىڭىزنى تونۇپ يېتىش تولىمۇ مۇھىم 00:03:13.900 --> 00:03:17.120 باشقىلار بىلەن مۇۋاپىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىڭىز شۇنداقلا باشقىلارنى 00:03:17.150 --> 00:03:19.200 .ئۆزىڭىزنىڭ سودىسىغا قىزىقتۇرىشڭىز تولىمۇ مۇھىم 00:03:19.400 --> 00:03:20.660 كىملەر تەشنا بولغان ھالدا تۇرىدۇ؟ 00:03:21.150 --> 00:03:23.900 ،ئىش قىلىشتىن توختاتقىلى بولمايدىغان ۋە سەۋەب-نەتىجە سۈرۈشتۈرمەيدىغان 00:03:23.980 --> 00:03:29.250 !تۇرمۇشنى شۇنداقلا ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان، تېخىمۇ كۆپكە ئىنتىلىدىغان ئادەملەر تەشنا بولغان ھالدا تۇرىدۇ 00:03:30.250 --> 00:03:34.500 !!!ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكى تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان ئادەملەر غەلبە قىلغۇچىلار پارتىيىسىدۇر .زۆرۈرىيەتنى تونۇپ يەتكەنلەردۇر 00:03:34.800 --> 00:03:38.850 ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكى تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان ئادەملەر، ئەگەر تۇرمۇشىدا غەلبە بولىدىكەن 00:03:38.900 --> 00:03:41.350 !ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئادەملەردۇر 00:03:42.700 --> 00:03:44.120 ،ئەگەر تېخىمۇ چوڭ غەلبە قازىنىشنى خالىسىڭىز 00:03:44.150 --> 00:03:46.800 ،ئەگەر ھاياتىڭىزدا ئېرىشىپ باقمىغان ياكى قىلىپ باقمىغان بىر ئىش قىلىش ئۈمىدىدە بولسىڭىز 00:03:46.800 --> 00:03:50.550 !دەيدىغان ئىككىنچى سۆزۈم، ئۆزىڭىزگە مەبلەغ سېلىڭ، ئۆزىڭىزگە مەبلەغ سېلىڭ 00:03:51.400 --> 00:03:55.150 .باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ سىزنىڭ رېئاللىقىڭىزغا ئايلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق 00:03:55.450 --> 00:03:57.950 .ھاياتىڭىزنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈپىتىدە ئۆتكۈزىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق 00:03:59.400 --> 00:04:03.150 ھەتتا سىز قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان تەقدىردىمۇ، چوقۇم ۋۇجۇدىڭىزدا «مەن قىلالايمەن! ھېچكىم بۇنى تونۇپ 00:04:04.100 --> 00:04:08.700 .يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزەم چوقۇم تونۇپ يېتىشىم كېرەك.» دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىز كېرەك 00:04:10.700 --> 00:04:16.920 .مانا بۇ مەن ئىشەنچ قىلغان ئىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈشكىمۇ رازىمەن، باشقىسى مۇھىم ئەمەس 00:04:17.250 --> 00:04:21.060 ،ئەھۋالنىڭ قانچىلىك يامان بولۇشىدىن ياكى قانچىلىك يامانلىشىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر 00:04:21.750 --> 00:04:24.030 !چوقۇم بىر باشقا ئېلىپ چىقىمەن 00:04:24.700 --> 00:04:27.100 .مېنىڭ بىر ئىدىيەگە ۋەكىللىك قىلغۇم بار 00:04:27.200 --> 00:04:29.400 .مېنىڭ ئىمكانىيەتكە ۋەكىللىك قىلغۇم بار 00:04:30.740 --> 00:04:34.250 .بىر قىسمىڭلار ھازىر نېمە دەۋاتقانلىقىمنى ئوبدان بىلىسىلەر، يەنە بىر دەرىجە يۇقىرىغا چىققۇڭلار بار 00:04:34.280 --> 00:04:37.630 .مۇدىرىيەت ئەزاسى بولغۇم بار، ئىنژېنېر بولغۇم بار ياكى دوختۇر بولغۇم بار دېگەندەك 00:04:37.640 --> 00:04:40.080 .گېپىمنى ئاڭلاڭ، سىز ئۇ دەرىجىگە چىقالمايسىز 00:04:40.120 --> 00:04:42.440 ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىڭىز يەتمەكچى بولغان ئۇ دەرىجىگە تاكى سىز 00:04:42.460 --> 00:04:43.930 .زېھنىڭىزگە مەبلەغ سېلىشنى باشلىماي تۇرۇپ چىقالمايسىز 00:04:44.100 --> 00:04:45.340 .سىز كىتاب ئوقۇمايۋاتىسىز 00:04:45.420 --> 00:04:47.200 .مەن ھەممىڭلارنىڭ مۇنازىرە سورۇنلىرىغا بېرىپ تۇرۇشۇڭلارنى چاقىرىق قىلىمەن 00:04:47.800 --> 00:04:49.200 !مەن ئۆزىڭىزگە يۇقىرى مەبلەغ سېلىشقا بۇيرۇيمەن 00:04:49.230 --> 00:04:50.300 !مەن يالغۇزلۇققا بۇيرۇيمەن 00:04:50.350 --> 00:04:52.750 !مەن سائەت-سائەتلەپ ۋاقىتنى ئۆزىڭىزنى تونۇشقا سەرپ قىلىشقا بۇيرۇيمەن 00:04:53.200 --> 00:04:57.900 ،ھەقىقىي ئۆزىڭىزگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا، يارالمىشىڭىزدا تەقدىر قىلىنغان ئادەمگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا 00:04:57.980 --> 00:05:00.160 ،ئەسلىڭىزدە لايىھەلەنگەن ئادەمگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا 00:05:00.200 --> 00:05:01.800 ،ئايرىم بىر شەخسكە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا 00:05:01.850 --> 00:05:05.530 .قىلىدىغان ئىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىپ باشقا ئادەملەردىن ئايرىشقا باشلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ 00:05:05.550 --> 00:05:08.370 مەن سىزنىڭ، سىزنى ھېچكىم تونۇمايدىغان شۇنداقلا ھەرگىزمۇ ئاۋارە .قىلالمايدىغان بىر جايغا كېتىشىڭىزنى چاقىرىق قىلىمەن 00:05:08.400 --> 00:05:10.940 !نېمىشقا؟ چۈنكى سىز ئۇلارنى قانداق قىلىپ خۇشال قىلارمەن دەپ زېھنىڭىزنى خورىتىپ يۈرمەيسىز 00:05:11.100 --> 00:05:13.600 .چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنى تونۇتۇش، ئۆزىڭىزنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىسىز 00:05:13.620 --> 00:05:15.900 !مەن سىزنىڭ ئۆز زېھنىڭىزگە مەبلەغ سېلىشڭىزغا موھتاج 00:05:16.650 --> 00:05:18.350 ،ناۋادا سىز ھېلىمۇ ئارزۇيىڭىز ھەققىدە گەپ سېتىۋاتقان بولسىڭىز 00:05:18.400 --> 00:05:20.180 ،ناۋادا سىز يەنىلا نىشانىڭىز ھەققىدە گەپ سېتىۋاتقان بولسىڭىز 00:05:20.180 --> 00:05:23.450 !لېكىن تېخى ھېچ ئىش قىلمىغان بولسىڭىز ئۇنداقتا تۇنجى قەدەمنى ئېلىڭ 00:05:23.600 --> 00:05:25.200 ،ئاتا-ئانىڭىزنى پەخىرلەندۈرەلەيدىغان بىر ئىش قىلالايسىز 00:05:25.250 --> 00:05:26.890 .مەكتىپىڭىزنى پەخىرلەندۈرەلەيدىغان بىر ئىش قىلالايسىز 00:05:27.050 --> 00:05:31.760 سىز مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز شۇنداقلا دۇنيامۇ !ئەسلىدىكىگە ئوخشىمايدىغان باشقىچە دۇنيا بولۇپ ئۆزگىرىدۇ 00:05:31.800 --> 00:05:35.600 !چۈنكى سىز شۇنچە يولنى بېسىپ كەلدىڭىز، ھېچكىمنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئوغرىلاپ كېتىشىگە يول قويماڭ 00:05:36.460 --> 00:05:40.800 بىز رەت قىلىنىشقا، «ياق» دېيىشلەرگە ئۇچرىدۇق. يىغىن ئاچساق ھېچكىم كەلمىدى 00:05:40.950 --> 00:05:44.510 .ياكى بىرسى «ماڭا ئىشەنسەڭ بولىدۇ» دەپ قويۇپ ئېھتىياجىمىز چۈشكەندە بىزنى نائۈمىد قويدى 00:05:44.550 --> 00:05:47.610 ناۋادا بىزدىمۇ ئاشۇنداق ئۈزۈكچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پوزىتسىيە بولسىچۇ؟ 00:05:47.700 --> 00:05:52.180 .ئۇ چاغدا سىزگىمۇ ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. كەينى-كەينىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدىڭىز! يوللىرىڭىز توسۇلدى 00:05:52.300 --> 00:05:55.650 بىراق سىز يەنىلا ئارزۇيىڭىزغا ئىنتىلىۋاتىسىز، ھەر كۈنى ئازرۇيىڭىزنىڭ كويىدا تەكرار تەجرىبە يەكۈنلەۋاتىسىز 00:05:55.660 --> 00:06:00.350 .شۇنداقلا ئۆزىڭىزگە «مەن غەلبە قىلمىغۇچە ئىزدىنىشىم توختىمايدۇ!» دەپ خىتاب قىلىۋاتىسىز 00:06:05.250 --> 00:06:10.200 !!!سىز ئارزۇيىڭىزدىكى تۇرمۇشتا ياشىيالايسىز