خىزمەت ئىزدەۋاتامسىز؟ تەجرىبىڭىزنى ئەمەس، ئىقتىدارىڭىزنى تەكىتلەڭ.
-
0:01 - 0:02كىمگە ھەۋەس قىلىدىغىنىمنى
بىلەمسىز؟ -
0:03 - 0:06ئالىي مەكتەپتىكى كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك
خىزمەت قىلىدىغانلارغا. -
0:06 - 0:08(كۈلكە)
-
0:08 - 0:11ئاخبارات كەسپىنى پۈتتۈرگەن
مۇخبىرلاغا، -
0:11 - 0:13ئىنژېنېرلىق ئىلمىنى ئۆگەنگەن
ئىنژېنېرلارغا. -
0:14 - 0:16راست گەپنى قىلسام، ھازىر بۇ خىل كىشىلەر
كۆپ ئۇچرىمايدۇ، -
0:16 - 0:18بەلكى ئۇلار ئالاھىدە توپ
بولۇپ قالدى. -
0:18 - 0:212010- يىلىدىكى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە
ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ -
0:21 - 0:23ئاران 25 پىرسەنتى ئۇنىۋانىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەدە
خىزمەت قىلغان. -
0:24 - 0:28مەن بىئولوگىيە كەسپىنى بىر ئەمەس
ئىككى ئۈنىۋان بىلەن پۈتتۈرگەن. -
0:29 - 0:33لېكىن دوختۇر ياكى ئالىم بولماي،
ئاتا-ئانامنى ئۈمىدسىزلەندۈردۈم. -
0:33 - 0:35(كۈلكە)
-
0:35 - 0:38نەچچە يىللاپ DNA كۆپىيىشى ۋە
فوتوسىنتىزلىنىشنى تەتقىق قىلىشنىڭ -
0:38 - 0:40تېخنىكا ساھەسىدە ئىشلىشىم
بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوق ئىدى. -
0:41 - 0:45مەن سېتىش، بازار ئېچىش، پىلانلاش قاتارلىقلارنى
ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىشم كېرەك ئىدى، -
0:45 - 0:48ھەتتا ئۆزلۈكۈمدىن پروگراممېرلىقنىمۇ
ئۆگەندىم. -
0:49 - 0:52مەن Etsy شىركىتىگە تەرجىمىھالىمنى
ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى -
0:52 - 0:53مەھسۇلات دېرىكتورى دىگەن نامغا
ئېرىشىپ باقمىغان. -
0:55 - 0:58مەن ئاللىقاچان Google قاتارلىق بىرقانچە
شىركەت تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، -
0:58 - 0:59ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىغان.
-
1:00 - 1:02مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ
پېيى يېقىندا بازارغا سېلىندى، -
1:02 - 1:04خىزمەت ئىلتىماسىمنىڭ بىر بۆلىكى
سۈپىتىدە، -
1:04 - 1:07پاي ھۆججەتلىرىنى بىرمۇ-بىر
ئوقۇپ چىقىپ، -
1:07 - 1:11سودا ئانالىزى ۋە تۆت يېڭى ئالاھىدىلىكنى
مۇجەسسەم قىلغان بىر تور بەتنى -
1:11 - 1:13نۆلدىن باشلاپ قۇرۇپ چىقتىم.
-
1:14 - 1:18نەتىجىدە شىركەت مەن ئوتتۇرىغا
قويغان ئىدىيەلەرنىڭ ئىككىسىنى ئىشلەتتى، -
1:18 - 1:20ھەمدە ئۈچىنچى پىكرىمنىمۇ قاتتىق مۇلاھىزە
قىلدى. -
1:21 - 1:22ئاخرىدا بۇ خىزمەتكە ئېرىشتىم.
-
1:25 - 1:28ھەممىز دەسلىپىدە سەل قارىلىپ،
ئاخرىدا ئۆزىگە ئېتىبارسىز قارىغانلارنىڭ -
1:28 - 1:30خاتالاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كىشىلەرنى
ئاڭلىغان. -
1:31 - 1:32مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم؟
-
1:33 - 1:36برايېن ئەكتون، ئېنژېنىر دېرىكتورى
-
1:36 - 1:39ئۇ ھەمكارلىشىپ 19 مىليارد قىممىتىدىكى
كۆچمە ئۇچۇرسۇپىسى -
1:39 - 1:40WhatsApp نى قۇرۇشتىن بۇرۇن،
-
1:41 - 1:44Twitter ۋە Facebook تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
-
1:46 - 1:49يىگىرمىنچى ئەسىردە بەرپا قىلغان خادىم قوبۇل
قىلىش سستېمىمىز يىمىرىلىۋاتىدۇ، -
1:49 - 1:52ھەمدە چەكسىز يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە
نۇرغۇن ئىختىساسلىقلارنى قولدىن كەتكۈزىۋاتىدۇ. -
1:53 - 1:55ماشىنا ئادەم تەتقىقاتى ۋە ئاپتۇماتىك
ئۆگىنىشنىڭ تەرەققىياتى، -
1:55 - 1:57ۋە خىزمەت ئۇسۇلىمىزدىكى ئىسلاھات،
-
1:57 - 2:00نۇرغۇن كەسىپلەردىكى قېلىپلاشقان
ۋەزىپىلەرنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇپ، -
2:01 - 2:05باشقا ساھەلەردىكى ئىنسانلارنىڭ ئەمگىكىنى
كۈچەيىتتى ۋە ئاشۇردى. -
2:05 - 2:09بۇ خىل سۈرئەتتە، كىيىنكى كەسپىي
ھاياتىمىزنى ئەزەلدىن ئىشلەپ باقمىغان -
2:10 - 2:11
خىزمەتلەر كۈتۈۋاتىدۇ. -
2:12 - 2:15ئەتىدىكى يۇقىرى ساپالىقلارنى تېپىپ
چىقىشقا زۆرۈر بولغان -
2:15 - 2:17قۇرال ۋە تاكتىكىلار قايسىلار؟
-
2:18 - 2:22بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، نۇرغۇن
ساھەلەردىكى رەھبەرلەردىن مەسلىھەت ئالدىم، -
2:22 - 2:25كۆپلىگەن تەتقىقات ۋە ماقالىلەرنى ئوقۇدۇم،
-
2:25 - 2:27ھەمدە ئۆزۈمنىڭ تالانت تەجرىبىسىنى
ئىشلىدىم. -
2:28 - 2:30ئىزدىنىشىم تېخى ئاياقلاشقىنى يوق،
-
2:30 - 2:33لېكىن كېرەكلىك ئۈچ ئىدىيەنى تاپتىم.
-
2:33 - 2:36بىرى، ئىزدەش دائىرىڭىزنى كېڭەيتىڭ.
-
2:36 - 2:39ئەگەر ئوخشاش ساھەدە بۇرۇنقىغا ئوخشاش
پەقەت تالانىتنىلا كۆزلىسەك، -
2:39 - 2:41-تالانتلىق بالىلار پروگراممىسى، ئاقىللار مەكتەپلىرى،
-
2:41 - 2:43داڭلىق تەشكىلات قاتارلىقلارنى،
-
2:43 - 2:46بىز يەنىلا شۇ كونا نەتىجىگە ئېرىشىمىز.
-
2:46 - 2:50پۇلى قالمىغان ئوكلاند تەنتەربىيەسى ئەنئەنىۋى
ئۆلچەمدە، مەسىلەن يۈگۈرەشتە، -
2:50 - 2:52يۇقىرى نومۇر ئالالمايدىغان، ئەكسىچە
-
2:52 - 2:55كوماندىغا نومۇر ئېلىپ بىرەلەيدىغان
تەنھەرىكەتچىلەرنى -
2:55 - 2:58ياللىغاندا، كالتەكتوپ تەنھەركىتىگە
-
2:58 - 2:59ئىنقىلاب ئېلىپ كەلگەن.
-
3:00 - 3:02بۇ تەنھەرىكەت ساھەسىدىن باشقا
ساھەگىمۇ ماس كېلىدۇ. -
3:02 - 3:05Pinterest نىڭ لاھىيە ۋە تەرەققىيات مۇدىرى
-
3:05 - 3:07ماڭا ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ
باشقىلارنىڭ تالانتنى -
3:07 - 3:09مونوپول قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىكىدىن،
كرېمنىي جىلغىسىدىكى -
3:09 - 3:12كۆپ خىل ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك گۇرۇپپا
قۇرۇپ چىققانلىقىنى -
3:12 - 3:14ئېىيتپ بەردى.
-
3:14 - 3:17ئۇلار ئاساسلىق تېخنىكا مەركەزلىرىدىن
ھالقىپ كىتىش ئۈچۈن تىرىشىتى، -
3:17 - 3:19ھەمدە دىققىتىنى لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ ئائىلە
كېلىپ چىقىشىغا ئەمەس، -
3:19 - 3:21بەلكى ئەسەرلىرىگە
قاراتتى. -
3:22 - 3:24ئىككىنچىسى، نەتىجىگە قاراپ خادىم ياللاڭ.
-
3:25 - 3:27خىزمەت تەجرىبەمدىن پايدىلىنىپ،
خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە -
3:27 - 3:30ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى بېغىشلايدىغان
Headlight ناملىق تور بەتنى -
3:30 - 3:33ھەمكارلىق ئاساسىدا قۇرۇپ چىقتىم.
-
3:33 - 3:36كوماندىلار سىناق ئالغانغا، ۋە درامما ئۈچۈن
يۈز تۇرانە ئىمتىھان بولغانغا ئوخشاش -
3:36 - 3:39خىزمەت ئىزدىگۈچىلەردىنمۇ قۇبۇل قىلىشتىن
بۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش -
3:39 - 3:40تەلەپ قىلىنىشى كېرەك.
-
3:40 - 3:44خېرىدارلىرىمىز 85 يىللىق تەتقىقات
نەتىجىسىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ، -
3:44 - 3:45بۇ ئۈلگە خىزمەتلەر كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت
-
3:45 - 3:48قازىنىشنى مۆلچەرلەشنىڭ ئەڭ ياخشى بەلگىسى.
-
3:49 - 3:50ئەگەر ئۇچۇر ئانالىز خادىمىغا
ئھتىياجلىق بولسىڭىز، -
3:50 - 3:54ئۇلارغا تارىخىي سانلىق مەلۇمات جەدۋىلى تارقىتىڭ،
ئاندىن نېمىنى چۈشەنگەنلىكىنى سوراڭ. -
3:54 - 3:56ئەگەر بازار ئاچقۇچىغا ئىھتىياجىڭىز چۈشكەن
بولسا، -
3:56 - 3:58ئۇلارغا بىر يېڭى مەھسۇلاتنى ئېلان قىلغۇزۇڭ.
-
3:58 - 4:02ئەگەر خىزمەت ئىزدىگۈچى بولسىڭىز،خۇجايىننىڭ
بۇيرۇقىنى كۈتمەستىن ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ. -
4:02 - 4:06ئۆلچەملىك تەرجىمىھال ۋە مۇقاۋا سۆزىدىن سىرىت
ئۆزگىچە قابىلىيىتىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىزنى -
4:06 - 4:08نامايەن قىلىدىغان ئۇسۇللارنى تېپىپ
چىقىڭ. -
4:09 - 4:12ئۈچىنچى، ئومۇمىي يۈزلىنىشنى كۆزىتىڭ.
-
4:13 - 4:16مەن تەرجىمىھالىدىكى كىچىككىنە نۇقسانغا
ئاساسەن، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى -
4:16 - 4:19خىزمەت تاقلىغۇچى تۈرىگە ئايرىۋېتىغان
خادىم قوبۇل قىلغۇچىلارنى ئاڭلىدىم، -
4:19 - 4:23ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسمى قارا تەنلىكنىڭ ياكى ئاسىيالىقنىڭ
ئىسمى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا -
4:24 - 4:28ئۇلارنى چەتكە قاقىدىغان پرافېسسورلار
توغرىسىدا ئوقۇپ قالدىم. -
4:29 - 4:31بالا ۋاقتىمدا ئالاھىدە كۈتۈنىدىغانلار
قاتارىغا كىرگىلى تاسلا قالغان ئىدىم. -
4:32 - 4:34يەسىلىدە ئوقۇپ بىر ئاي بولغاندا،
-
4:34 - 4:35ئوقۇتقۇچۇم مېنى ئۆزىنى تۇتالمايدۇ،
-
4:35 - 4:37دىققىتىنى يىغالمايدۇ دەپ بىر بەت
-
4:37 - 4:39ئوزۇنلۇقتا دوكلات يازغان،
-
4:39 - 4:41ھەۋەسمەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ كونترول
-
4:41 - 4:43قىلالمايۋاتقانلىقىمنى بىلەتتىم.
-
4:43 - 4:45(كۈلكە)
-
4:46 - 4:49مەكتەپ مۇدىرى ئاتا-ئانامنى
چاقىرىتتى، -
4:49 - 4:52ئاپامدىن مەن تۇغۇلغاندا ئەگەشمە كېسەللىك
بولغانمۇ دەپ سورىدى، -
4:52 - 4:55ھەمدە مەكتەپ پسخىك دوختۇرىغا
كۆرۈنۈشۈمنى تەشەببۇس قىلدى. -
4:55 - 4:56دادام نېمە ئىش بولغانلىقىنى ھېس
قىلىپ، -
4:56 - 4:58دەرھال ئائىلە ئەھۋالىمىزنى چۈشەندۈردى.
-
4:59 - 5:02يېڭى كۆچمەن بولغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن،
روھىي كېسەللەر -
5:02 - 5:05ساناتورىيىسىنىڭ بالكونىدا ئولتۇراتتۇق.
-
5:05 - 5:08ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن
ئاتا-ئانام كېچىچە ئىشلەيتتى, -
5:08 - 5:11شۇڭا تەڭتۈشلىرىم بىلەن ئوينايدىغان
ۋاقتىم يوق ئىدى. -
5:12 - 5:16پۈتۈن يازنى ئۆزى بىلەن ئۆتكۈزگەن روھسىز
بەش ياشلىق بالىنىڭ -
5:16 - 5:18يەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئازراق ھاياجانلىنىشى
-
5:18 - 5:20ھەقىقەتەن شۇنچە ھەيران قالارلىقما؟
-
5:21 - 5:24بىر ئادەمنى ئومۇمىيۈزلۈك چۈشەنمىگۈچە،
-
5:24 - 5:28ئۇلارغا بەرگەن باھايىمىز ھەمىشە
خاتا بولۇپ چىقىدۇ. -
5:29 - 5:33تەجرىبىنى ئىقتىدارغا، دىپلومنى
قابىلىيەتكە تەڭ كۆرۈشنى -
5:33 - 5:35توختىتايلى.
-
5:36 - 5:39بىخەتەر، تۇنۇش نەرسىلەرنى تاللاشنى
توختىتىپ، -
5:39 - 5:42تېخىمۇ قالتىس بىراۋ ئۈچۈن شارائىت
ھازىرلايلى. -
5:44 - 5:47بىزگە ۋاقتى ئۆتكەن ئوسۇلدا خادىم قوبۇل
قىلىشقا خاتىمە بېرىپ، -
5:47 - 5:50يېڭى ئۇسۇللار ئارقىلىق تالانتنى تونۇپ چىقىپ
يىتىشتۈرىدىغان خوجايىنلار، -
5:51 - 5:54ھەمدە ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە
قايىل قىلارلىق ھالدا ئېيتىپ بىرەلەيدىغان -
5:54 - 5:56نامزاتلار كېرەك.
-
5:57 - 6:01بىز كىشىلەر ئەمەلىي قابىلىيىتىگە ئاساسەن
مۇئامىلە قىلىنىدىغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن -
6:02 - 6:05كۈچىنى تولۇق نامايەن قىلالايدىغان دۇنيادا
ياشىيالايمىز. -
6:06 - 6:08شۇڭا بىرلىكتە شۇنداق دۇنيانى قۇرۇپ چىقايلى.
-
6:09 - 6:10رەھمەت.
-
6:10 - 6:17(چاۋاك)
- Title:
- خىزمەت ئىزدەۋاتامسىز؟ تەجرىبىڭىزنى ئەمەس، ئىقتىدارىڭىزنى تەكىتلەڭ.
- Speaker:
- جېيسېن شېن
- Description:
-
more » « less
ئارىمىزدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلىرىگە بىۋاستە ماس كېلىدىغان خىزمەتنى ياكى ئالىي مەكتەپتىكى كەسپىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. تەدچى (تەد پۇقراسى) جېيسېن شېن غا قاراپ باقساق، ئۇ بئولوگىيە كەسپىنى ئۆگىنىدۇ لېكىن ئاخرىدا بىر تېىخنىكا شىركىتىدە مەھسۇلات دېرىكتورى بولىدۇ. ئىنسان يوشۇرۇن كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ چاققان، ئۆتكۈر نۇتۇقىدا، شېن خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار قانداق قىلىپ ئۆزىنى تېخىمۇ كۆرسىتەلەيغانلىقى، ھەمدە نېمە ئۈچۈن خوجايىنلار ئۈنۋانغا ئەمەس بەلكى ئىقتىدارغا قارىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
- Video Language:
- English
- Team:
closed TED
- Project:
- TEDTalks
- Duration:
- 06:30
| TED Translators admin approved Uyghur subtitles for Looking for a job? Highlight your ability, not your experience | ||
|
Huseyin M accepted Uyghur subtitles for Looking for a job? Highlight your ability, not your experience | |
| Semed Ababekei edited Uyghur subtitles for Looking for a job? Highlight your ability, not your experience | ||
| Semed Ababekei edited Uyghur subtitles for Looking for a job? Highlight your ability, not your experience | ||
| Semed Ababekei edited Uyghur subtitles for Looking for a job? Highlight your ability, not your experience |
