Unbroken - Motivational Video
-
0:00 - 0:02سىز ھاياتىڭىزدىكى ھەربىر كىچىك نۇقتىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلىيەلمەيسىز
-
0:02 - 0:04پەقەت ئۆتمۈشىڭىزگە قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز
-
0:07 - 0:11شۇڭا ھاياتىڭىزدىكى پارچە-پارچە كارتىنىلارنىڭ كەلگۈسىدە ھامان بىر-بىرىگە
كىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك -
0:11 - 0:12سىز چوقۇم بىر نەرسىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك
-
0:12 - 0:16پەرۋەردىگارغا، تەقدىرگە، ھاياتلىققا، ياخشىلىق-يامانلىققا ياكى باشقا نېمە بولسۇن
چوقۇم بىر نەرسىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك -
0:16 - 0:19چۈنكى، ھاياتىڭىزدىكى پارچە كارتىنىلارنىڭ كېيىن ئۆز-ئارا بىرىكىدىغانلىقىغا ئىشىنىش
-
0:19 - 0:21سىزگە ئۆز يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سالىدىغان ئىشەنچنى ئاتا قىلىدۇ
-
0:21 - 0:25ھەتتا سىز ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق يولدىن ئايرىلىپ قالسىڭىزمۇ شۇنداق قىلىڭ
-
0:25 - 0:29دەل ئاشۇ ئىشەنچ بارلىق پەرقنى پەيدا قىلىدۇ
-
0:29 - 0:31ۋاقتىڭىز بەكلا چەكلىك
-
0:31 - 0:34شۇڭا، ھاياتىڭىزنى باشقىلارنىڭ ھاياتىدا ياشاش بىلەن ئىسراپ قىلماڭ
-
0:34 - 0:36دوگما ئىدىيەلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماڭ
-
0:36 - 0:40باشقىلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئەگىشىش بىلەن ياشىماڭ
-
0:40 - 0:44باشقىلارنىڭ كۆز-قاراشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى چۈمكەپ قويماڭ
-
0:44 - 0:46ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئىزدەپ تېپىڭ
-
0:46 - 0:50خىزمەت، كەلگۈسى ھەمراھنىمۇ شۇنداق روھتا ئىزدەپ تېپىڭ
-
0:50 - 0:53خىزمىتىڭىز تۇرمۇشىڭىزنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىگىلەپ كېتىدۇ
-
0:53 - 0:55ئۆزىڭىز قالتىس دەپ قارايدىغان خىزمەتنى قىلغاندىلا
-
0:55 - 0:57ئاندىن خىزمەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلەيسىز
-
0:57 - 1:00خىزمەتنى قالتىس قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى شۇكى
-
1:00 - 1:03قىلىۋاتقان خىزمىتىنى ياخشى كۆرۈش
-
1:03 - 1:04ئەگەر سىز تېخى ئۇ خىزمەتنى تاپمىغان بولسىڭىز
-
1:04 - 1:06داۋاملىق ئىزدەڭ
-
1:06 - 1:08توختاپ قالماڭ
-
1:08 - 1:10ئۆزىڭىزنىڭ سېزىمى ۋە خاھىشىڭىزغا قۇلاق سالغۇدەك جاسارىتىڭىز بولسۇن
-
1:10 - 1:12ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە سىزنىڭ كىم بولۇشنى
-
1:12 - 1:15خالايدىغانلىقىڭىزنى ئاللىقاچان بىلگەن بولىدۇ
-
1:16 - 1:21يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان ۋاقتىڭىز بولىدۇ شۇنداقلا تۆۋەنگەن چۈشىدىغان ۋاقتىڭىزمۇ بولىدۇ
-
1:21 - 1:23كۆپىنچە ئادەملەر ئۆزىدىن ئاسانلا ۋاز كېچىدۇ
-
1:23 - 1:26ئىنسان روھىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
-
1:26 - 1:31ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭدەك كۈچلۈك ئەمەس. ئىنسان روھىنى ئۆلتۈرۈش تولىمۇ قىيىن
-
1:31 - 1:36سالامەتلىكى ياخشى بولسا، مائاشىنى ۋاقتىدا ئالسا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى
كۆڭۈلدىكىدەك بولسا ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلىدۇ -
1:36 - 1:38بۇنداق ئەھۋالدا ھەرقانداق ئادەم ئاكتىپ ھالەتتە بولالايدۇ
-
1:38 - 1:41ھەرقانداق ئادەم كەڭ دائىرىدە پىكىر قىلالايدۇ
-
1:41 - 1:44بۇنداق شارائىتتا ھەرقانداق ئادەمدە ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ بولىدۇ
-
1:49 - 1:51ھەقىقىي مەنىدىكى روھىي، ھېسسىي
-
1:51 - 1:53ۋە ئىشەنچىڭىزگە بولغان رىقابەت كۈچى
-
1:53 - 1:57سىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ئاندىن كېلىدۇ
-
1:57 - 2:01ھەرىكەت قوللىنىش جۈرئەت تەلەپ قىلىدۇ
-
2:01 - 2:04مەغلۇب بولغان ۋاقتىڭىزدا موھتاجلىقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالىسىز
-
2:04 - 2:07قايتىدىن ئىش باشلاش ئۈچۈن
-
2:07 - 2:10جۈرئىتىڭىز بولمىسا بولمايدۇ
-
2:18 - 2:21قورقۇش غايىنى ئۆلتۈرىدۇ
-
2:21 - 2:24قورقۇش ئارزۇنى ئۆلتۈرىدۇ
-
2:24 - 2:25قورقۇش
-
2:25 - 2:28كىشىلەرنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزىدۇ
-
2:28 - 2:30قورقۇش سىزنى قېرىتىۋېتەلەيدۇ
-
2:30 - 2:34ئۆزىڭىز قىلالايمەن دەپ قارايدىغان ئىشلىرىڭىزنى قىلىشتىن سىزنى چەكلەپ قويالايدۇ
-
2:34 - 2:37ئاخىرى سىزنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ
-
2:44 - 2:47تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ كەينىدە ھېچنىمە يوق
-
2:47 - 2:50بىراق ھەربىر پرىنسىپنىڭ كەينىدە بىر غەلبە مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ
-
2:50 - 2:54ئاشۇ كىچىككىنە تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ كەينىدە بەلكىم پۈتۈنلەي ھېچنىمە يوق بولۇشىمۇ ناتايىن
-
2:54 - 2:58بىراق ھەربىر پرىنسىپنىڭ كەينىدە بىر غەلبە مۇمكىنچىلىكى چوقۇم بولىدۇ
-
2:58 - 2:59ھەم شۇنداقلا بىر قىسمىڭلارنىڭ ھاياتىڭلاردا
-
2:59 - 3:04نىشانىڭلارغا يېتەلمەسلىكىڭلارنىڭ سەۋەبى پۈتۈنلەي ئۆزەڭلارنىڭ تۇيغۇسىغا
ئەسىر بولۇپ قالغانلىقىڭلاردىن بولىدۇ -
3:04 - 3:09ھەممىسى كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇيقۇدىن ئويغىنىۋاتقاندەك
تۇيغۇدا بولمامسىز، كىم شۇنداق ئەمەس؟ -
3:09 - 3:12ھەر كۈنى غايىلىرىڭىزگە «ياق» دەپ ئۆتىسىز
-
3:12 - 3:15بەلكىم غايىلىرىڭىزنى ئالتە ئاي رەت قىلىپ باقارسىز، ياكى بىر يىل شۇنداق قىلارسىز
-
3:15 - 3:22.ئاشۇ كۈنى، دەل ئاشۇ بىر كۈنى سىز ئورنىڭىزدىن تۇرمىدىڭىز. يوتقان-كۆرپىلىرىڭىزنى ئىتتىرىۋەتسىڭىز بولاتتى. قانچىلىك ۋاقىت شۇنداق ياتتىڭىز بىلمەيمەن
-
3:24 - 3:27ھېسسىياتىڭىزنىڭ سىزنى كونترول قىلىۋېلىشىغا يول قويماڭ
-
3:27 - 3:32بىز ھېسسىياتچان، ئەمما ھېسسىياتىڭىزنى چېنىقتۇرۇش بىلەن ئىش باشلاڭ
-
3:32 - 3:37ئەگەر ھېسسىياتىڭىزنى چېنىقتۇرمىسىڭىز ۋە كونترول قىلمىسىڭىز ئۇ سىزنى كونترول قىلىدۇ
-
3:43 - 3:44ئۇنى كونترول قىلغۇڭىز بار
-
3:44 - 3:47ئۇنداقتا دەرھال ئىش باشلاپ كونتروللۇقنى قولىڭىزغا ئېلىڭ
-
3:47 - 3:51ئۇنداق قىلىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ئۆزگىرىشنى خالايسىز ئەمما ئۇنداق ئاسان ئەمەس
-
3:51 - 3:53ناۋادا شۇنچە ئاسان بولىدىغان بولسا، ھەممە ئادەم شۇنداق قىلغان بولاتتى
-
3:53 - 3:56بىراق ئەستايىدىل بولسىڭىز، ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز
-
4:01 - 4:03بۇ يەردە مېنىڭ دېگىنىم ھېساپ
-
4:03 - 4:08مەن بۇ ھېسسىياتنىڭ مېنى مەغلۇب قىلىشىغا يول قويمايمەن بۇ ھېسسىياتنىڭ مېنى ۋەيران قىلىشىغا يول قويمايمەن
-
4:08 - 4:10مەن قايتىپ كېلىمەن
-
4:10 - 4:13شۇنداقلا بىر قېتىم مەغلۇب بولغانلىقىم ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك بولىمەن
-
4:13 - 4:16چوقۇم مۇشۇنداق خىتاب قىلىشىڭىز كېرەك
-
4:16 - 4:18ھەم مۇشۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك
-
4:18 - 4:23.سىز ئارزۇلىرىڭىزنى قوغداۋاتىسىز، تىنچلىقىڭىزنى قوغداۋاتىسىز شۇنداقلا سىز ساغلاملىقىڭىزنى قوغداۋاتىسىز
-
4:23 - 4:26ھاياتىڭىزغا تولۇق مەسئۇل بولۇڭ
-
4:26 - 4:32ئۆزىڭىزنىڭ نەدىلىكىڭىزنى ۋە قەيەردە نېمە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالىدىغانلىقىڭىزنى قوبۇل قىلىڭ
-
4:34 - 4:39ھەربىر كۈنىڭىزنى گويا ئەڭ ئاخىرقى كۈنىڭىزنى ياشاۋاتقاندەك ياشايمەن دېگەن تۇيغۇدا تۇرۇپ قارار قىلسىڭىز بولىدۇ
-
4:39 - 4:44ھاياتىڭىزنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكۈزۈڭ
-
4:44 - 4:47ئىنتىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈڭ
-
4:47 - 4:50ئۆزەمنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىمەن دېگەن قارارغا كېلىڭ
-
4:50 - 4:53ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى قىسسىسى تېخى يېزىلمىدى
-
4:53 - 4:56شۇنداقلا ئۆتمۈشىڭىزدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىمۇ مۇھىم ئەمەس
-
4:56 - 5:00سىزگە نېمە بولغىنىمۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى: سىز ئۇ ئىشنى ئەمدى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى؟
-
5:04 - 5:08بۇ يىل مەن بۇ نىشاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمەن
-
5:08 - 5:10نىشانىم توغرىلىق ئەمدى جىق سۆزلىمەيمەن
-
5:10 - 5:12مەن قىلالايمەن
-
5:12 - 5:13مەن قىلالايمەن
-
5:13 - 5:15مەن قىلالايمەن
-
5:35 - 5:40مېنىڭچە ئىزچىللىق ھەممەيلەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
-
5:40 - 5:42ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ، ھەرگىز باش ئەگمەڭ
-
5:42 - 5:45ھەممە ئىشلارنىڭ ھامان بىر جاۋابى بولىدۇ
- Title:
- Unbroken - Motivational Video
- Description:
-
Facebook: http://on.fb.me/R8jxxV
Instagram: http://bit.ly/1fjzPrZ
SoundCloud: http://bit.ly/Mon20y
Twitter: http://bit.ly/1nNEv30Donate:
https://www.paypal.com/cgi-bin/webscr?cmd=_donations&business=a_miroslaw%40interia%2epl&lc=GB&item_name=Mateusz%20M&no_note=0¤cy_code=USD&bn=PP%2dDonationsBF%3abtn_donate_LG%2egif%3aNonHostedGuestSpeakers:
Les Brown: https://www.facebook.com/Brown.Les,
Eric Thomas: http://www.youtube.com/user/etthehiphoppreacher
Steve Jobs,Louis ZamperiniMovies: Jobs, Her
Music: Confidential Music - Archangel, Unashamed
http://confidentialmusic.com/ - Video Language:
- English, British
- Duration:
- 05:58
Mr_Mystery edited Uyghur subtitles for Unbroken - Motivational Video | ||
Mr_Mystery edited Uyghur subtitles for Unbroken - Motivational Video |