سېرگىي برىن: نېمىشقا گۇگل كۆزەينىكىنى ياساپ چىقىمىز؟
-
0:01 - 0:03تەدكە يەنە قايتىپ كەلگىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن
-
0:03 - 0:06فىلىمدىن بىرنى قويۇپ باشلىساق قانداق؟
-
0:06 - 0:10(مۇزىكا)
-
0:10 - 0:16سىن) ئەر: بولدى، كۆزەينەك، فىلىمگە ئالغىن)
-
0:16 - 0:19ئايال : پۈتتى، 2 مىنۇتتىن كېيىن مەيدانغا چىقىمىز
-
0:19 - 0:23ئەر 2: بولدى كۆزەينەك، ئۇچۇش كۇلۇبىمىز بىلەن بىرگە ئاتلىنايلى
-
0:23 - 0:28... ئەر 3: «يولۋاسنىڭ باش سۈرىتى» نى ئىزدە، ھىم
-
0:28 - 0:30(ئەر 4: تەييار بولدۇڭمۇ؟ تەييار بولدۇڭمۇ؟ (ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازى
-
0:30 - 0:37ئايال 2: دەل مۇشۇنداق ، بولدى كۆزەينەك، رەسىمگە تارت
-
0:37 - 0:40(كىچىك بالىنىڭ ئاۋازى)
-
0:47 - 0:50!ئەر 5: ئۇچايلى
-
0:52 - 0:55!ئەر 6: ئاھ تەڭرىم، نېمىدېگەن قالتىس
-
0:55 - 0:57!بالا : ۋاھ، بۇ يىلانغا قاراڭلار
-
0:57 - 1:02!ئايال 3: كۆزەينەك، فىلىمگە ئېلىشنى باشلا
-
1:07 - 1:11ئەر 7: بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، بىرىنجى چىقىش ئېغزىدىن چىقايلى
-
1:34 - 1:37دەل مۇشۇ يەر شۇ ، A12 ئەر 8: بولدى
-
1:37 - 1:40(ئالقىش)
-
1:40 - 1:46(بالىلارنىڭ ناخشا ئېيتقان ئاۋازى)
-
1:47 - 1:50ئەر 9: «تەملىككەن» دېگەننى تايلاندچە نېمە دەيدۇ؟
-
1:50 - 1:53อร่อย :گۇگل كۆزەينىكى
อร่อย :ئەر 9 -
1:53 - 1:57ئايال 4: «مېدوزا» دەپ ئىزدە
-
1:57 - 2:02(مۇزىكا)
-
2:09 - 2:12ئەر 10: بەكلا گۈزەلكەن
-
2:12 - 2:19(ئالقىش)
-
2:19 - 2:25سېرگېي برىن : كەچۈرۈڭلار، مەن باياتىن نېگىرىيە شاھزادىسى ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى كۆرۈۋاتقان ئىدىم
-
2:25 - 2:30ئۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا 10 مىليون دوللار تېپىپ بېرىشىمگە ئېھتىياجلىقكەن
-
2:30 - 2:31مەن بۇنداق ئىشلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايمەن
-
2:31 - 2:34چۈنكى، بىزنىڭ شىركەت مۇشۇ ئۇسۇلدا(مەبلەغ توپلاش) قۇرۇلغان
-
2:34 - 2:38ھەم ئۇ ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ
-
2:38 - 2:40،ئەسلى گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك
-
2:40 - 2:43سىلەر كۆرۈۋاتقان مېنىڭ بۇ قىياپىتىم
-
2:43 - 2:45تېلېفونغا قاراۋاتقان بۇ قىياپىتىم
-
2:45 - 2:50بۇ پىلان، يەنى گۇگل كۆزەينىكى پىلانىنى قانات يايدۇرۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر
-
2:50 - 2:52چۈنكى بىزدە ھامان ھەرخىل گۇمانلار شەكىللىنىدۇ
-
2:52 - 2:55بۇ زادى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى كىشىلەر بىلەن
-
2:55 - 2:58قانداق ئالاقە ئېلىپ بېرىشىمىزنىڭ
-
2:58 - 3:00ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنىڭ ئاخىرقى كەلگۈسى بولۇپ قالارمۇ دېگەندەك
-
3:00 - 3:04چوقۇم بېشىمىزنى مۇشۇنداق تۆۋەن سېلىپ يۈرۈۋېرەرمىزمۇ؟
-
3:04 - 3:07ھالبۇكى، بۇ دەل گۇگل كۆزەينىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى بىر سەۋەب
-
3:07 - 3:13شۇنداقلا يەنە ئۇنى كۆزەينەك شەكلىدە لايىھەلىشىمىزنىڭمۇ سەۋەبى
-
3:15 - 3:22ماقۇل. مەن كۆزئەينەكنىڭ ئىقتىدارى توغرىسىدا كۆپ سۆزلىمەي
-
3:22 - 3:23لېكىن، ئاساسلىق قىلىپ
-
3:23 - 3:27ئۇنىڭ ياسىلىپ چىقىلىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش توغرىسىدا ئازراق سۆزلەي
-
3:27 - 3:31سىز يەنە داۋاملىق يانفونغا قاراپ مېڭىۋەرسىڭىز
-
3:31 - 3:34جەمئىيەتتىن بارغانسىرى يىراقلاپ كېتىسىز
-
3:34 - 3:39شۇنداق سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ، سىز ئۆزىڭىزگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلماقچىمۇ؟
-
3:39 - 3:40سىز بۇيەردە تۇرۇپ
-
3:40 - 3:42ئېكرانغا چېكىپ
-
3:42 - 3:44يانفوننىڭ ئەينىكىنى سىيلاپ
-
3:44 - 3:46پەقەت بارمىقىڭىزنىلا ھەرىكەتلەندۈرگەن ھېسابلىنىسىز
-
3:46 - 3:50شۇڭا، بىز گۇگل كۆزەينىكىنى تەتقىق قىلغاندا، شۇ توغرىسىدا ئويلاندۇق
-
3:50 - 3:53قولىمىزنى ئازاد قىلغۇدەك بىر ئىش قىلالارمىزمۇ؟
-
3:53 - 3:54سىز باياتىن فىلىمدە كىشىلەرنىڭ
-
3:54 - 3:56مەلۇم بىر ئىش قىلىۋاتقىنىنى كۆردىڭىز
-
3:56 - 3:57ئۇلار ھەممىسى گۇگل كۆزەينىكىنى تاقاپ تۇرۇپ
-
3:57 - 4:00بولۇۋاتقان ئىشلارنى فىلىمگە ئالغان
-
4:00 - 4:03ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز كۆزىڭىزنىمۇ ئازاد قىلىش ئۈچۈن
-
4:03 - 4:06كۆرۈش ئېكرانىنى يۇقىرى ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇردۇق
-
4:06 - 4:07سىزنىڭ كۆرۈش دائىرىڭىزدىن سەل يۇقىرى ئورۇنغا
-
4:07 - 4:10شۇنداق بولغاندا سىزنىڭ كۆرۈش دائىرىڭىز توسۇلۇپ قالمايدۇ
-
4:10 - 4:11سىز باشقىلار بىلەن بىمالال ھالدا
-
4:11 - 4:13كۆز ئىشارىسى ئارقىلىق ئالاقىلىشالايسىز
-
4:13 - 4:16بۇنىڭدىن سىرت بىز يەنە قۇلىقىڭىزنىمۇ ئازات قىلدۇق
-
4:16 - 4:20ئاۋاز بۇ يەردىن تارقىلىپ
-
4:20 - 4:24بىۋاستە باش سۆڭىكىڭىزگە كىرىدۇ
-
4:24 - 4:27تۇنجى قېتىم بەلكىم سەل غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ كېتىسىز
-
4:27 - 4:30ئەگەر شاۋقۇن كۈچلۈك بولۇپ كېتىپ، ئېنىقراق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز
-
4:30 - 4:32قۇلىقىڭىزنى ئېتىۋالسىڭىزلا ئاڭلىيالايسىز
-
4:32 - 4:37بۇ قارىماققا ناھايىتى سىرلىق تۇيۇلىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق
-
4:37 - 4:40بۇندىن 15 يىل ئىلگىرى گۇگل يېڭى قۇرۇلغاندا
-
4:40 - 4:42مەن كىشىلەر بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق
-
4:42 - 4:45ئىزدەش ماتورىغا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ دەپ ئويلىغان
-
4:45 - 4:49قەيەردە نېمىنى بىلمەكچى بولسىڭىز شۇنىڭغا ئېرىشەلەيتتىڭىز
-
4:49 - 4:51مانا ھازىر، 15 يىلدىن كېيىن
-
4:51 - 4:53بىز باشتا ئويلىغان بەزى ئىشلار
-
4:53 - 4:55گۇگل كۆزەينىكى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشتى
-
4:55 - 4:57ئۇ سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا چىققاندا، باشقىلار بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز
-
4:57 - 5:01بېشىڭىزنى تۆۋەن قىلماي تۇرۇپلا ئالاقىلىشىش مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىدۇ
-
5:01 - 5:04بۇ تەتقىقاتنىڭ يولغا قويۇلۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنىغىمۇ 2 يىل بولۇپ قالدى
-
5:04 - 5:07بىز ناھايىتى ھەيران قالارلىق سانلىق قىممەتلەرگە ئېرىشتۇق
-
5:07 - 5:10بۇنىڭدا ئىشلەتكۈچىنىڭ راھەت ھېس قىلالىشى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل، ئەلۋەتتە
-
5:10 - 5:14بىز ئەڭ دەسلەپتە ياساپ چىققان كۆزەينەك ناھايتى يوغان بولۇپ
-
5:14 - 5:16خۇددى يانفوننى بېىشىڭىزغا تاقىۋالغاندەك كۆرۈنەتتى
-
5:16 - 5:19ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىر، ناھايىتى قولايسىز ئىدى
-
5:19 - 5:22بىز بۇ ئىشنى تېخنىكا لايىھەلىگۈچىمىزدىن سىر تۇتۇشىمىز كېرەك ئىدى
-
5:22 - 5:24تاكى ئۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغۇچە
-
5:24 - 5:27لېكىن ئۇ چىدىماي قېچىپ كەتكىلى تاس قالدى
-
5:27 - 5:30شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا ناھايىتى چوڭ ئىلگىرىلىدۇق
-
5:30 - 5:33ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان يەنە بىر نەرسە - كامېرا
-
5:33 - 5:35دەسلەپكى لايىھەدە كامېرا يوق ئىدى
-
5:35 - 5:39لېكىن، خۇشال مىنۇتلارنى، يەنى
-
5:39 - 5:41ئائىلىمىز، بالىلىرىمىز بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلارنى ساقلىۋېلىش ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ئىش ئىدى
-
5:41 - 5:44مەن ھەرگىزمۇ كامېرا، يانفون دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن
-
5:44 - 5:46خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويۇشنى ئويلىمايىتتىم
-
5:46 - 5:51كېيىن بۇ ئەسۋاپنى ئىشلىتىش جەريانىدا
-
5:51 - 5:55مەندە بىرخىل قوزغۇتۇش بولغاندەك ھېس قىلدىم
-
5:55 - 5:59يانفونمۇ شۇنداق ___ توغرا، لېكىن سىز چوقۇم دائىم بېشىڭىزنى تۆۋەن قىلىشىڭىز كېرەك
-
5:59 - 6:02بۇمۇ ئوخشاشلا بىرخىل نېرۋا خاراكتىرلىك ئادەتلىنىش
-
6:02 - 6:05مەسىلەن: مەن ئىلگىرى تاماكا چەكسەم، ئەگەر ھازىرمۇ تاماكا چەككۈم كەلسە
-
6:05 - 6:07بىر تاماكىنى تۇتاشتۇرغاندىكى ھېسسىيات ناھايىتى پەيزى تۇيۇلىدۇ
-
6:07 - 6:11سىزمۇ بىلىسىز، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش
-
6:11 - 6:13لېكىن بۇنداق ۋاقىتتا، مەن يانفونۇمنى ئېلىپ
-
6:13 - 6:15خۇددى ناھايىتى مۇھىم ئىش قىلۋاتقاندەك
-
6:15 - 6:18قاراپ تۇرىمەن
-
6:18 - 6:21لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا مەن قاراپ تۇرۇپ نۇرغۇن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىۋېتىمەن
-
6:21 - 6:25ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلاردىن يىراقلاپ كېتىمەن
-
6:25 - 6:28ئېلخەت يوللاش، ئۇچۇر كۆرۈش
-
6:28 - 6:30بۇلارنى بىز دائىم قىلىپ تۇرىمىز
-
6:30 - 6:33لېكىن بۇلار ئۇنچە مۇھىم ئىشلارمۇ ئەمەس
-
6:33 - 6:36گۇگل كۆزەينىكى ئارقىلىقمۇ بۇنداق ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ
-
6:36 - 6:37ئەگەر راستتىنلا شۇنداق مۇھىم بولسا
-
6:37 - 6:41مېنىڭ بۇلارغا مەخسۇس قاراپ تۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق
-
6:41 - 6:44شۇنداق، مەن بۇ ۋاقىتلىرىمنى باشقا ئىشلارنى قىلىشقا
-
6:44 - 6:49يەنى، فىلىمدىكىدەك دۇنيادىن بەھرلىنىشكە سەرپ قىلساممۇ بولىدۇ
-
6:49 - 6:51كۆپتىن-كۆپ رەھمەت
-
6:51 - 6:56(ئالقىش)
- Title:
- سېرگىي برىن: نېمىشقا گۇگل كۆزەينىكىنى ياساپ چىقىمىز؟
- Speaker:
- Sergey Brin
- Description:
-
بۇ فىلىم ئاددىي ھالدىكى بىر تەشۋىقات فىلىمى ئەمەس، ئۇ خۇددى بىر پەلسەپىلىك چۈشەندۈرۈشكە ئوخشايدۇ: سېرگېي برىننىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى نېمىشقا بۇ كۆزەينەك شەكلىدىكى كامېرا/كومپيۇتېر تىپىدىكى مەھسۇلاتنى ياساپ چىقماقچى بولىدۇ ؟ بۇ خىل يېڭىچە ئۇچۇر تېخنىكىسى كىشىلەرنىڭ قول، كۆز ۋە قۇلاقلىرىنى ئازاد قىلىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ كىشىلەرنى يىراقلاشتۇرۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
- Video Language:
- English
- Team:
- closed TED
- Project:
- TEDTalks
- Duration:
- 07:15
Dimitra Papageorgiou approved Uyghur subtitles for Why Google Glass? | ||
Dimitra Papageorgiou edited Uyghur subtitles for Why Google Glass? | ||
Dimitra Papageorgiou edited Uyghur subtitles for Why Google Glass? | ||
Mahmutjan Abduqeyum accepted Uyghur subtitles for Why Google Glass? | ||
Mahmutjan Abduqeyum edited Uyghur subtitles for Why Google Glass? | ||
huxtar hasan edited Uyghur subtitles for Why Google Glass? | ||
huxtar hasan edited Uyghur subtitles for Why Google Glass? | ||
huxtar hasan edited Uyghur subtitles for Why Google Glass? |