.سىز ئاللىقاچان بىلىدىغان بىر ئىشنى دەپ بېرەي
.بۇ دۇنيا ھەرگىزمۇ پۈتۈنلەي ئىللىق قۇياش نۇرى ۋە گۈزەل ھەسەن-ھۈسەنلەر بىلەن تولغان ئەمەس
،بۇ دۇنيا شۇنداق رەھىمسىز ھەم رەزىل شۇنداقلا قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىڭىز بىلەن مېنىڭ كارىم يوق
.ئەگەر قاراپ تۇرسىڭىز، بۇ رەھىمسىز دۇنيا سىزنى ئالدىدا تىزلاندۇرىدۇ شۇنداقلا مەڭگۈ تۇرالماس قىلىۋېتىدۇ
.سىز، مەن ياكى ھېچقانداق بىر ئادەم ھاياتتەك قاتتىق زەربە بېرەلمەيدۇ
.بۇ يەردىكى گەپ سىزنىڭ قانچىلىك زەربە بېرەلىشىڭىزدە ئەمەس
.بەلكى قانچىلىك زەربىنى كۆتۈرەلىشىڭىزدە ۋە داۋاملىق ئالدىڭىزغا قاراپ ماڭالىشىڭىزدا
!قانچىلىك زەربىنى كۆتۈرەلەيسىز ۋە قانچىلىك ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيسىز. مانا بۇ غەلبىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
.ئازاب ۋاقىتلىق بولىدۇ
.ئۇ بەلكىم بىر كۈن داۋاملىشار ياكى بىر سائەت ياكى بىر كۈن ۋە ياكى بىر يىل
.بىراق ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ ئازابمۇ ئاخىرلىشىدۇ، شۇنداقلا باشقا بىر نەرسە ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ
.ناۋادا مەن ۋاز كەچسەم، ھالبۇكى بۇ ئازاب مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ
،بۇ يەردىكى خاتالىق پەرقى تولىمۇ كىچىك، دېمەكچىمەنكى
.يېرىم قەدەمنى كېچىكىپ ئالسىڭىز ياكى بالدۇر ئېلىپ قويسىڭىز، مەقسىتىڭىزگە يېتەلمەيسىز
.يېرىم سېكۇنت ئاستا ياكى تېز كېتىپ قالسىڭىز، پۇرسىتىڭىزنى كەتكۈزۈپ قويىسىز
.بىز ئېھتىياجلىق ئۆلچەم ئەتراپىمىزدىلا
.ئۇلار ھەربىر ئويۇن ئارىسىدا، ھەر بىر مىنۇتتا، ھەر بىر سېكۇنتتا
.ئارزۇيۇڭ بولغان ئىكەن ئۇنى قوغدىشىڭ كېرەك
.ئادەملەر بىر ئىشنى ئۆزلىرى قىلالمىسىلا ساڭىمۇ ئۇ ئىشنى قىلالمايسەن دېگۈسى كېلىدۇ
.ناۋادا بىر نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولساڭ، بېرىپ قولغا كەلتۈر. باشقىسى مۇھىم ئەمەس
.مەغلۇب بولۇشتىن قورقماڭ
.ھەرقاچان غەلبە قىلىۋەرمەيسىز، بىراق قارار چىقىرىشتىن قورقماڭ
.چوقۇم پەرقلىق بىر نەتىجىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك
«.قىلالايمەن دېگەن ئادەم بىلەن قىلالمايمەن دېگەن ئادەمنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئادەتتە توغرا دېگەن بولىدۇ»
،ھازىرقى كۈندە مۇتلەق كۆپ قىسمىڭلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم بولۇشنى خالايسىلەر
.ئەمما يېتەرلىك دەرىجىدە خالىمايسىلەر، پەقەت «مۇنداقلا» خالاپ قويىسىلەر خالاس
.سىلەر غەلبىنى زىياپەتكە بېرىشنى خالىغانچىلىك خالىمايسىلەر
.سىلەر غەلبىنى ئۆزەڭلارنى قالتىس كۆرسىتىشنى خالىغانچىلىك خالىمايسىلەر
!كۆپ ساندىكىلىرىڭلار غەلبىنى ئۇخلاشنى خالىغانچىلىك خالىمايسىلەر
.بىزنىڭ ئەك قورقىدىغىنىمىز ئىقتىدارىمىزنىڭ چەكلىك بولغىنى ئەمەس
.بىزنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىمىز ئېيتقۇسىز دەرىجىدە ئىقتىدارىمىزنىڭ بولغانلىقى
.بىزنى ئەڭ قورقىتىدىغىنى يورۇق تەرىپىمىز ئەمەس بەلكى قاراڭغۇ تەرىپىمىز
،چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىڭ، راۋرۇس چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىڭ ھەم شۇنداقلا ئۆزىڭىزدىن سوراڭ
قانداق ئادەم بولغۇڭىز بار؟
باشقىلارغا قانچىلىك ساراڭلىقتەك ئاڭلىنىشىدىن قەتئىينەزەر
.نېمىنىڭ سىزنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇڭ
،قارار چىقىرىڭ، توغرىمۇ؟ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى
قانداق ئادەم بولماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى ۋە قانداق قىلىپ شۇنداق
.قىلىدىغانلىقىڭىزنى قارار قىلىڭ. چوقۇم بىر قارارغا كېلىڭ
نېمىشقا بولالمايمەن، نېمىشقا كوماندىدىكى ئەڭ قىممىتى بار ماھىر بولالمايمەن؟
نېمىشقا كوماندىدىكى ئەڭ ياخشى ماھىر بولالمايمەن؟
نېمىشقا بولالمايدىغانلىقىمنى چۈشەنمىدىم. نېمىشقا؟ زادى نېمىشقا بولالمايمەن؟
.ھېلىقى بالىغا نېمە دېگەن ئىدىڭ؟ بۇ يەردىكى گەپ سېنىڭ قانچىلىك زەربە بېرەلىشىڭدە ئەمەس
.بەلكى قانچىلىك زەربىنى كۆتۈرەلىشىڭدە ۋە داۋاملىق ئالدىڭغا قاراپ ماڭالىشىڭدا
.قانچىلىك زەربىنى كۆتۈرەلەيسەن ۋە قانچىلىك ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيسەن
!ئورنۇڭدىن تۇر
!ئورنۇڭدىن تۇر
.ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەڭ
بۇ يەردە جىم تۇرۇپ قېقىلىپ سوقۇلساق بولىدۇ
ياكى
.قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتۈپ يورۇقلۇققا چىقساقمۇ بولىدۇ
.بۇ دوزاختىن يامىشىپ چىقىپ كېتەلەيمىز
.بىر قەدەم بىر قەدەمدىن
.ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى كەلگۈسىدىكى ھالىتىڭىز ئۈچۈن قۇربان قىلالايدىغان بولۇڭ
كۆپ ساندىكىلىرىڭلار غەلبە قىلالمايسىلەر
.چۈنكى ئۆگىنىش قىلغان ۋاقتىڭلاردا چارچاش ھېس قىلىسىلەر شۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىشنى تاشلايسىلەر
.مەن ماتېماتىكىدا ياخش ئەمەس.» توغرا دەيسىز! چۈنكى سىز ھېچقاچان ئۆگىنىش قىلمىغان»
.مەن يېزىقچىلىقتا ياخشى ئەمەس.» چۈنكى سىز بۇرۇن زادىلا بىر نەرسە يېزىپ باقمىغان»
.تالانت سىزدە تەبىئىي بار نەرسە
.ئەمما ئىقتىدار پەقەت سائەت-سائەتلەپ توختاۋسىز مەشىق قىلىش بەدىلىگە تەرەققىي قىلىپ يېتىلىدۇ
،ناۋادا سىز باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن ئۆتىۋاتقان بولمىسىڭىز
.ئۇنداقتا سىز ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋاتىسىز
.ۋاز كېچىش ئۈچۈن ۋارقىرىماڭ، داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋارقىراڭ
،چېكىنىش ئۈچۈن ۋارقىرىماڭ! سىز ئاللىقاچان ئازاب چەكتىڭىز
.ئاللىقاچان يارىلاندىڭىز. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇكاپاتلىنىشىڭىز كېرەك
،ئەمدى ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە مۇناسىپ ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەن بولسىڭىز
.ئۇنداقتا قورقماي ئۆزىڭىزگە تېگىشلىك بولغاننى قولغا كەلتۈرۈڭ
ئەمما زەربىگە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇڭ
شۇنداقلا بارمىقىڭىزنى شىلتىپ تۇرۇپ مەن ئۇنىڭ ياكى بۇنىڭ سەۋەبىدىن
.ئۆزەمگە تېگىشلىك بولغان ئورۇندا بولالمىدىم دەپ يۈرمەڭ
!توخۇ يۈرەكلەرلا شۇنداق قىلىدۇ، سىز ھەرگىز ئۇ توخۇ يۈرەكلەردىن ئەمەس
!سىز بۇنىڭدىنمۇ ياخشى قىلالايسىز
.چۈنكى ھەر بىر كۈن يېڭى بىر كۈن
!ھەر بىر پەيت يېڭى بىر پۇرسەت
شۇڭا ئەمدى مەيدانغا چىقىڭدە باشقىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ئوخشىمايدىغان
!بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ قويۇڭ. ھازىرلا
!سىلەرگە ئۆزەمنىڭ قانداق قالتىسلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن
دانىشمەن لۇك سۈرىسىنىڭ 17- بابىدا
.پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقى ئىنساننىڭ ئىچىدە» دەپ يېزىلغان»
.بىر ئادەمنىڭ ياكى بىر گۇرۇپپا ئادەمنىڭ ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىچىدە
:سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا! سىلەردە شۇنداق قۇدرەت بار
.ماشىنىلارنى ئىجاد قىلىدىغان قۇدرەت، بەخت بەرپا قىلىدىغان قۇدرەت
سىلەر دەل بۇ ھاياتنى ئەركىن ۋە تېخىمۇ گۈزەل قىلىدىغان، بۇ ھاياتنى
.قالتىس بىر سەرگۈزەشتىگە ئايلاندۇرىدىغان قۇدرىتى بار ئادەملەر
ئەمدى، سىز نېمە ئىش قىلماقچى؟
.چۈنكى چەكلىمە خۇددى قورقۇشقا ئوخشاش پەقەتلا بىر خىيالىي تۇيغۇ