.ياخشىمۇسىلەر كۆپچىلىك
بۇ ھەپتە مەن ئامېرىكا مەكتەپلىرىدىكى كومپيۇتېر ئىلمىنى قوللاش جەھەتتە
يېڭى چوڭ قەدەملەرنى ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا، ئوقۇتقۇچىلارغا، سودا كارخانىلىرىغا شۇنداقلا
.پايدا كۆزلىمەيدىغان ئورگانلارغا قوشۇلغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن
،بۇ ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش پەقەت سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلار ئۈچۈنلا مۇھىم بولۇپ قالماي
.يەنە دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم
،ئەگەر بىز ئامېرىكىنى تېخنىكا-تەرەققىياتتا ئەڭ ئالدىدا تۇرسۇن دەيدىكەنمىز
بىز سىلەرگە ئوخشاش ياش ئامېرىكىلىقلارنىڭ
نۆۋەتتىكى خىزمەت ئۇسۇلىمىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدىغان
.بۇ قورال ۋە تېخنىكىلارنى پۇختا ئىگەللىشىڭلارغا موھتاج
.مانا بۇ مېنىڭ سىلەردىن بۇ ساھەگە كىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىشىمنىڭ سەۋەبى
،پەقەت يېڭى بىر كومپيۇتېر ئويۇنىنى سېتىۋېلىش بىلەنلا چەكلەنمەي
.بىرنى ياساڭلار
،پەقەت ئەڭ يېڭى ئەپلەرنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلەنمەي
.يېڭى ئەپ لايىھەلەشكە ياردەملىشىڭلار
،پەقەت تېلېفوننى ئويناش بىلەنلا چەكلەنمەي
!ئۇنىڭغا پروگرامما تۈزۈڭلار
،ھېچكىم كومپيۇتېر ئالىمى بولۇپ تۇغۇلمىغان
،لېكىن ئازراق تىرىشچانلىق، ماتېماتېكا ۋە ئىلىم-پەن بىلەن
.ھەر قانداق بىر ئادەم كومپيۇتېر ئالىمى بولالايدۇ
.بۇ ھەپتە سىلەرنىڭ ئۆزەڭلارنى سىناپ باقىدىغان پۇرسىتىڭلار
.ھېچكىمنىڭ سىلەرگە «سەن قىلالمايسەن» دېيىشىگە يول قويماڭلار
،مەيلى سىلەر ئوغۇل بالا بولۇڭلار ياكى قىز بالا بولۇڭلار
،مەيلى سىلەر شەھەردە بولۇڭلار ياكى يىراق سەھرادا بولۇڭلار
.كومپيۇتېر سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلارنىڭ چوڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ
،ناۋادا سىلەر تىرىشىپ ئىشلەشنى ۋە ئۆگىنىشنى خالايدىغانلا بولساڭلار
.ئۇنداقتا بۇ كەلگۈسىنى يارىتىش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا
!كۆپچىلىككە رەھمەت