مىنىڭ 420 نەچچە دوستۇم بار لېكىن مەن يەنىلا يالغۇزلۇق ھىس قىلىمەن ھەركۈنى ئۇلار بىلەن ئۇچۇر يېزىشىمەن لىكىن ئۇلارنىڭ بىرىمۇ مىنى ھەقىقى چۈشەنمەيدۇ شۇنىڭ بىلەن مەن بىر قەدەم كەينىمگە چىكىنىپ تۇرۇپ بېشىمنى كۈتۈردۈم مەسىلە مىنىڭ تۇرغان يېرىمدە ئىكەن يەنى مەن بىر ئىكران يۈزى ئارقىلىق ئۇ دوستلىرىم بىلەن ئالاقىلىشىپتىمەن مەن تۇيۇقسىز بىر قارارغا كىلىپ كۆزلىرىمنى ئاچتىم ئەتراپىمغا قاراپ شۇنى ھىس قىلدىمكى بىز مىدىيا دەپ ئاتىۋالغان بۇ نەرسە بىر ئىشىككە ئوخشايدىكەن بىز كومپىيوتىرىمىزبىلەن بۇ ئىشىكنى ئاچقان ۋاقىتتا دۇنياغا بولغان بىر ئىشىكنى تاقاپ قويغان بولىمىزكەن بىزنىڭ بۇ تېخنىكىلىرىمىز پەقەت بىر خىل خىيالى دۇنيا ئىكەن بۇ دۇنيا ئىچىدىكى دوستلىشىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرىمىز ھەممىسى شۇنداق بىز بۇ خىيالى مىدىيا ۋاستىلىرىدىن بىر قەدەم ئۇزاقلىشىپ قارىغاندا ئاندىن قانداق بىر مەنىسىزلىك ۋە مۇجمەل روھى دۇنيادا ياشاۋاتقىنىمىزنى ئۆزىمىز ئىجات قىلغان تېخنىكىلارغا قۇل بولۇپ قېلىۋاتقىنىمىزنى بارلىق ئۇچۇر خەۋەرلەرنىڭ بىر قىسىم باي ئەبلەخلەرنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى كىشىلىك ئوبراز ،قىزىقىش ۋە شەخسىيەتلەر بىلەن تولغان ، لىكىن ھىس تۇيغۇسى بولمىغان بىر دۇنيانىڭ ئالدىمىزدا تۇرغىنىنى بايقايمىز بىز باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلەنگەن بۇ پائالىيەتلىرىمىزدىن " ناھايىتى خۇشال" دەك 22 00:00:52,876 --> 00:00:57,277 لىكىن ئەگەر ئۇ يەردە ھىچكىم بولمىسا بۇ يەنە ئوخشاشمۇ ؟ دوستلىرىڭىزغا ھەمدەم بولسىڭىز ئۇلارمۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولىدۇ ئەمما " توپ ئۇچۇر " ئارىغا كىرگەندە ئىشلار بۇنداق بولمايدۇ . بىز يازىمىز ،كۆپتۈرىمىز ،باشقىلارنىڭ بىزگە ھەۋەسلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز . ئەمما بىز بۇ خىل يالغۇزلۇقنى كۆرمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالىمىز بىز گەپلىرىمىزنى رەتلىك تىزىپ يېزىپ ،تۇرمۇشىمىزنى يالتىراقتەك پاقىرتىشقا تىرىشىمىز باشقىلارنىڭ بۇ گەپلىرىمىزنى ئاڭلاۋاتقىنىنىمۇ بىلەلمەيمىز يالغۇقلۇق بىر مەسىلە ئەمەس، مەن دىمەكچىكى ئەگەر سىز كىتاپ ئوقۇسىڭىز ، رەسىم سىزسىڭىز ياكى تەنھەركەت قىلسىڭىز سىز تەركى دۇنيالىقنى تاشلاپ ئەمىلى بىر ئىش قىلغان بولىسىز ئويغانغان ۋە زىھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ۋاقتىڭىزنى ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلغان بولىسىز شۇڭا كۆپچىلىك ئىچىدە تۇرۇپمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلغان بولسىڭىز قولىڭىزدىكى تىلفۇننى قۇيۇڭ ۋە بېشىڭىزنى كۈتۈرۈڭ تىلىفۇنىڭىزدىكى دوستلار چەمبىرىكى ۋەھاكازالارغا تىكىلىپ ئولتۇرۇش مەنىسىز بىر ئىش ئۇنىڭدىن كۈرە يېنىڭىزدىكى ئىنسانلار بىلەن پاراڭلىشىڭ ئادىەم بىلەن لىق تولغان بىر پويىزدا كىشىلەر باشقىلارنىڭ غەلىتىلىك ھىس قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ھىچكىم گەپ قىلىشمايدۇ مەن بۇنى قەتئي قۇبۇل قىلاممەيمەن بىز جەمئىيەتتىن ،بىر بىرمىزدىن ئايرىلىۋاتىمىز باشقىلار بىلەن پىكىرلىشەلمەيۋاتىمىز ،ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قارىمايۋاتىمىز تۇغۇلغىنىدىن باشلاپ بىزنىڭ ماشىنا ئادەمدەك ياشىشىمىزنى كۈرۈپ چوڭ بولغان بالىلىرىمىز بار ئۇلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ھايات مۇشۇنداق بولسا نورمال دىگەن قاراش يەر ئېپ بولدى ئەگەر بالىلىرىڭىزنى ئايپەد ئىشلەتمەي خۇشال قىلىشنى بىلمىسىڭىز ياخشى دادا بولاممايسىز دوستلىرىم بىلەن قانغۇچە يايرايتتۇق ،ۋەلىسپىت مىنەتتۇق . ئاياقلىرىمنى تولا ئويناپ تىشىۋىتەتتىم ،تىزلىرىمنى يارلاندۇرۇۋالاتتىم دەرەخ ئۈستىگە كىچىك ئۆيلەرنى ياسىۋالاتتۇق مىنىڭ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدىغىنى بۈگۈنلەردە باغچىلار جىمجىت ئىلەڭگۈچلەر بوش تۇرىدۇ ،بالىلار بولسا ئۆيلەردە سەكرەپ ئويناشلار، ئۆي ئاتلاشلار ... ئۇيۇنلار يوق ، بىز بىر ئەۋلاد دۆتلەر قولىدا ئەقىللىق تىلىفۇنلىرى بولغان گومۇشلار شۇڭا ئىكراننى ئۈچۈرۈڭ ،تىلىفۇنىڭىزدىن بېشىڭىزنى كۈتۈرۈڭ ئەتراپقا قاراڭ ،كۈنىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ كىچىككىنە بىر دوستلۇق قۇرسىڭىزمۇ يىتەرلىكتۇر شۇ ھامان بۇنىڭ پەرقىنى ھىس قىلالايسىز " ئۇ " سىزگە قاراۋاتقاندا ئۇ يەردە سىز بولۇڭ بەلكىم بۇ قاراشنى مەڭگۈ ئۇنۇتامماسسىز مەڭگۈلۈك بىر مۇھەببەتكە باشلاپ بارار بەلكى ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى رەت قول تۇتۇشقىنىڭىز ،سۈيۈشكىنىڭىز دەقىقە،ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم گىپىڭلار بىيەردىن چىقمىغان لېكىن يەنىلا ئوتتۇراڭلاردا سۆيگۈ بولغان ۋاقىتلارنى ئويلاڭ ئۆزىڭىزنىڭ نىمە قلىۋاتقىنىڭىزنى يۈزلەرچە قېتىم يېزىشقا ھاجىتىڭىز قالمىغان چۈنكى بۇلارنى پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا ئورتاقلىششىنى خالايسىز كومپىيوتىرڭىزنى سېتىپ ئورنىغا بىر ئۈزۈك ئېىلىپ كۆڭلىڭىزدىكى قىزغا سوۋغا قىلغان چېغىڭىزنى بۇلارھاياتتىكى ھەقىقى نەرسىلەردۇ ر ئۆز ئائىلىڭىزنى قۇرۇپ تۇنجى قېتىم قىزىڭىزنى قۇچىقىڭىزغا ئېلىپ ھاياتتا يەنە بىر قېتىم مۇھەببەتنى ھىس قىلغىنىڭىزدا ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان گۈزەل ۋاقىتلىرىڭىزنى ئويلاڭ كىچىك قىزىڭىز بۈشۈكتىن چىقىپ كىتىپ يىغلىغاندا ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتكەن ۋاقتىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىپ بېقىڭ كىچىك قىزىڭىزمۇ ئاپا بولۇپ ئوغلىنى قۇچاقلاپ سىزنىڭ قۇلىڭىزغا تۇتقۇزىشىنى نەۋرىڭىزنىڭ بوۋا دەپ چاقىرىپسىزنىڭ قېرىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلدۇرغان ۋاقىتنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ ھايات يولىڭىزغا قارىغىنىڭىزدا شۇ كىىچىككنىە ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىڭىز بىلەن شۇ ئىكرانلاردىن بېشىڭىزنى كۈتۈرۈش ئارقىلىق ،ھاياتىڭىزنى مەنىلىك بىر شەكىلىدە ياشىغىنىڭىزغا خۇشال بولىسىز ھەمراھىڭىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ، قولىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئۇنى نەقەدەر سۆيگەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويغان ۋاقتىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىپ بېقىڭ بۇ ۋاقىتتا ئۇ سىزگە پىچىرلاپ ئەينى ۋاقىتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ يول سورىغان سىز ئۈچۈن توختىغىنىغا ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ نەپسىنى ئۈزگەن ۋاقىتلارنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ لېكىن ئەگەر شۇ ۋاقىتتا سىز ئىكرانغا قاراۋاتقان بولسىڭىز بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى سىزگە مەنسۇپ بولمايدۇ ، پۇرسىتىڭىز سىز تىلفۇن ئىكرانىغا قاراۋاتقاندا كىتىپ قالىدۇ تىلفۇن ئىكرانىدىن بېشىڭىزنى كۈتۈرۈڭ ئىكرانلارنى ئۈچۈرۈڭ بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز چەكلىك كۈنلىرىڭىزنى توردا ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ چۈنكى ئۈلۈم كەلگەندە بۇلار ئۈچۈن پۇشايمان قىلىسىز مەن ئۆزەممۇ بۇنىڭ بىر ئەزاسى بولغىنىم ئۈچۈن خىجىل بولىۋاتىمەن ئىلىكتىرۇنلۇق خىيالى دۇنيادا بىز سۆزلەيمىز لىكىن كىم بىزنى كۈرىدۇ ؟ ئىكرانغا بىر نەرسىلەرنى يېزىش ئارقىلىق سۆزلىشىمىز ئەمما كۆزىمىز ئىكرانلاردا . بىر بىرىمىز بىلەن سائەتلەرچە بىللە بولىمىز لىكىن كۆزلىرىمىزگە قاراشمايمىز تۇرمۇشنىڭ سىزنى باشقىلاردەك ياشاشقا زورلىشىغا يول قويماڭ كىشىلەرگە مىھىر مۇھەببەت بىرىڭ سىزنىڭ " نوچىكەن " دىگەندەك توردىكى قۇرۇق باھالىرىڭىزنى ئەمەس ! توردىكى بۇخىل ئوبرازلىرىڭزدىن قول ئۈزۈپ ھەقىقى دۇنياغا قەدەم تاشلاڭ تىلفۇندىن بېشىڭىزنى كۈتۈرۈڭ ، ئىكرانلارنى ئۈچۈرۈڭ بۇ فىلىمنىمۇ مۇشۇ يەردە ئۈچۈرۈپ ھەقىقى ھاياتقا يۈزلىنىڭ