Return to Video

Dream - Motivational Video

  • 0:01 - 0:03
    .سىزنىڭ قانداق ئارزۇيىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن
  • 0:03 - 0:06
    ئاشۇ ئارزۇيىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش جەريانىڭىزدا
  • 0:06 - 0:09
    .قانچىلىك ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ماڭغىنىڭىز بىلەنمۇ كارىم يوق
  • 0:10 - 0:12
    بىراق كاللىڭىزدا ئىزچىل ئويلاپ كېلىۋاتقان ئاشۇ ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى
  • 0:13 - 0:14
    .تامامەن مۇمكىن
  • 0:17 - 0:19
    بەزىلىرىڭلار بۇنىڭ قىيىنلىقىنى
  • 0:20 - 0:21
    .ئاللىقاچان بىلىپ يەتكەن
  • 0:21 - 0:23
    .ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس
  • 0:23 - 0:25
    .تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىش قىيىن
  • 0:27 - 0:30
    ،ئارزۇيىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش جەريانىدا
  • 0:31 - 0:35
    ،قايتا-قايتىلاپ سىزنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا
  • 0:36 - 0:37
    ،كۆپلىگەن مەغلۇبىيەتلەرگە
  • 0:37 - 0:39
    .ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرايسىز
  • 0:40 - 0:42
    ،ئارزۇيىڭىزغا يېتەلمەي ئۆزىڭىزدىن گۇمانلانغان چاغلىرىڭىزدا
  • 0:42 - 0:45
    ئاھ خۇدا، نېمىشقا؟ نېمىشقا مەن مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇقىمەن؟»
  • 0:46 - 0:48
    .مەن پەقەت بالىلىرىمغا ۋە ئانامغا ياخشى كۈن كۆرسەتمەكچى ئىدىمغۇ
  • 0:48 - 0:51
    .ھېچكىمنى بۇلاش ياكى ھېچكىمدىن ئوغرىلاش خىيالىم يوق ئىدىغۇ
  • 0:52 - 0:54
    .قانداقسىگە بېشىمغا مۇشۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ؟» دەپ زارلىنىسىز
  • 0:55 - 0:58
    ،بېشىدىن ئازراق قىيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە دەيدىغىنىم شۇكى
  • 0:59 - 1:00
    .ئارزۇيىڭىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەڭ
  • 1:02 - 1:05
    !شۇنداق قىيىن ۋاقىتلارمۇ كېلىدۇ، بىراق ئۇلار ھەرگىزمۇ تۇرۇپ قالغىلى كەلگەن ئەمەس
  • 1:05 - 1:07
    .ئۇلار ئۆتۈپ كەتكىلى كەلگەن
  • 1:10 - 1:19
    بۈيۈكلۈك ھەرگىزمۇ ئۇنچە ئاجايىپ، سىرلىق، خىيالىي ياكى پەرۋەردىگارغىلا خاس بولغان
  • 1:19 - 1:24
    .پەقەت ئارىمىزدىكى ئالاھىدە ئادەملەرلا ئېرىشىدىغان نەرسە ئەمەس
  • 1:24 - 1:28
    .بىلىڭكى، بۈيۈكلۈك ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي تۈردە مەۋجۇت نەرسە
  • 1:30 - 1:34
    .ئۆزىڭىزنىڭ شۇ بۈيۈكلۈكنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىش ناھايىتى مۇھىم
  • 1:40 - 1:44
    .كۆپىنچە ئادەملەر پەقەت ئائىلە قۇرىدۇ، ياشايدۇ ۋە ئۆلۈپ تۈگەيدۇ
  • 1:44 - 1:48
    ،ئۇلار ئۆزىنى كۈچەيتىشنى توختىتىدۇ، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشنى توختىتىدۇ، تىرىشچانلىقنى توختىتىدۇ
  • 1:48 - 1:50
    .ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇشنى توختىتىدۇ
  • 1:50 - 1:52
    ،ئاغرىنىشقا ئامراق نۇرغۇن ئادەملەر بار
  • 1:52 - 1:55
    .ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئوڭشاش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ
  • 1:55 - 1:57
    شۇنداقلا كۆپىنچە ئادەملەر ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدۇ. نېمىشقا؟
  • 1:58 - 2:03
    .بىر سەۋەب قورقىدۇ. مەغلۇب بولۇشتىن قورقىدۇ. ناۋادا ئىشلار ئويلىغاندەك بولمىسىچۇ؟ دەپ قورقىدۇ
  • 2:03 - 2:06
    .شۇنداقلا غەلبە قورقۇنچىمۇ بار. «ناۋادا غەلبە قىلسام، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالمىسامچۇ؟» دەپ قورقىدۇ
  • 2:06 - 2:08
    .بۇلار ھەرگىزمۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئەمەس
  • 2:09 - 2:11
    .سىز نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئۆتكۈزىسىز
  • 2:11 - 2:13
    .باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرستىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىسىز
  • 2:13 - 2:15
    .سىز باشقا ئادەملەرنى ئۆزىڭىزنى بىلگەندىنمۇ ياخشىراق بىلىسىز
  • 2:15 - 2:18
    ،ئۇلارنى تەتقىق قىلىسىز، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىمۇ بىلىسىز، ئۇلارغا ئوخشاش ۋاقىت ئۆتكۈزسەم دەيسىز
  • 2:19 - 2:20
    .سىز نەق شۇلارغا ئوخشاش بولۇشنى خالايسىز
  • 2:20 - 2:21
    بىلەمسىز؟
  • 2:21 - 2:23
    .سىز ئۇلارغا شۇنداق كۆپ ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلغاچقا، ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيسىز
  • 2:23 - 2:26
    .مەن ۋاقتىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئاجرىتىشىڭىزغا چاقىرىق قىلىمەن
  • 2:26 - 2:32
    .ئەگەر ئارزۇيىڭىزدىكىدەك ياشايمەن دەيدىكەنسىز، بىكارچىلارنى تۇرمۇشىڭىزدىن يوق قىلىش ناھايىتى زۆرۈر
  • 2:36 - 2:40
    .ئەمما ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا قاراپ چېپىۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ ھايات ئالاھىدە بىر خىل مەنىگە ئىگە
  • 2:42 - 2:44
    ،سىز ئارزۇيىڭىزغا مۇۋاپىق بىر ئادەمگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا
  • 2:44 - 2:46
    .قىلىدىغان تۇنجى ئىشىڭىز ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ئايرىشقا باشلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ
  • 2:46 - 2:48
    .سىزدە ئېنىق بىر مۇكەممەللىك بولۇشقا باشلايدۇ
  • 2:48 - 2:51
    ،باشقىلارغا توختىماي ئەگىشىدىغانلا بولسىڭىز، داۋاملىق «دورامچۇق» بولۇش بىلەنلا ئۆتسىڭىز
  • 2:52 - 2:55
    .سىز مەڭگۈ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى «دورامچۇق» بولالمايسىز
  • 2:55 - 2:57
    .ئەمما سىز ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى بولالايدىغان «سىز» تامامەن بولالايسىز
  • 2:57 - 2:59
    .مەن ئۆز قىممىتىڭىزنى تېپىشقا چاقىرىق قىلىمەن
  • 3:02 - 3:06
    ،ئېنىقكى ھەممىلا ئادەم بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، ھەممىلا ئادەم سىزگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ
  • 3:06 - 3:09
    .ھەممىلا ئادەمدە بۇنداق تەسەۋۋۇر بولىۋەرمەيدۇ
  • 3:09 - 3:11
    ئۆزىڭىزنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان يېڭىچە بىر ئادەم
  • 3:11 - 3:13
    .ئىكەنلىكىڭىزنى تونۇپ يېتىش تولىمۇ مۇھىم
  • 3:14 - 3:17
    باشقىلار بىلەن مۇۋاپىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىڭىز شۇنداقلا باشقىلارنى
  • 3:17 - 3:19
    .ئۆزىڭىزنىڭ سودىسىغا قىزىقتۇرىشڭىز تولىمۇ مۇھىم
  • 3:19 - 3:21
    كىملەر تەشنا بولغان ھالدا تۇرىدۇ؟
  • 3:21 - 3:24
    ،ئىش قىلىشتىن توختاتقىلى بولمايدىغان ۋە سەۋەب-نەتىجە سۈرۈشتۈرمەيدىغان
  • 3:24 - 3:29
    !تۇرمۇشنى شۇنداقلا ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان، تېخىمۇ كۆپكە ئىنتىلىدىغان ئادەملەر تەشنا بولغان ھالدا تۇرىدۇ
  • 3:30 - 3:34
    !!!ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكى تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان ئادەملەر غەلبە قىلغۇچىلار پارتىيىسىدۇر
    .زۆرۈرىيەتنى تونۇپ يەتكەنلەردۇر
  • 3:35 - 3:39
    ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكى تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان ئادەملەر، ئەگەر تۇرمۇشىدا غەلبە بولىدىكەن
  • 3:39 - 3:41
    !ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئادەملەردۇر
  • 3:43 - 3:44
    ،ئەگەر تېخىمۇ چوڭ غەلبە قازىنىشنى خالىسىڭىز
  • 3:44 - 3:47
    ،ئەگەر ھاياتىڭىزدا ئېرىشىپ باقمىغان ياكى قىلىپ باقمىغان بىر ئىش قىلىش ئۈمىدىدە بولسىڭىز
  • 3:47 - 3:51
    !دەيدىغان ئىككىنچى سۆزۈم، ئۆزىڭىزگە مەبلەغ سېلىڭ، ئۆزىڭىزگە مەبلەغ سېلىڭ
  • 3:51 - 3:55
    .باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ سىزنىڭ رېئاللىقىڭىزغا ئايلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق
  • 3:55 - 3:58
    .ھاياتىڭىزنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈپىتىدە ئۆتكۈزىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق
  • 3:59 - 4:03
    ھەتتا سىز قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان تەقدىردىمۇ، چوقۇم ۋۇجۇدىڭىزدا «مەن قىلالايمەن! ھېچكىم بۇنى تونۇپ
  • 4:04 - 4:09
    .يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزەم چوقۇم تونۇپ يېتىشىم كېرەك.» دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىز كېرەك
  • 4:11 - 4:17
    .مانا بۇ مەن ئىشەنچ قىلغان ئىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈشكىمۇ رازىمەن، باشقىسى مۇھىم ئەمەس
  • 4:17 - 4:21
    ،ئەھۋالنىڭ قانچىلىك يامان بولۇشىدىن ياكى قانچىلىك يامانلىشىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر
  • 4:22 - 4:24
    !چوقۇم بىر باشقا ئېلىپ چىقىمەن
  • 4:25 - 4:27
    .مېنىڭ بىر ئىدىيەگە ۋەكىللىك قىلغۇم بار
  • 4:27 - 4:29
    .مېنىڭ ئىمكانىيەتكە ۋەكىللىك قىلغۇم بار
  • 4:31 - 4:34
    .بىر قىسمىڭلار ھازىر نېمە دەۋاتقانلىقىمنى ئوبدان بىلىسىلەر، يەنە بىر دەرىجە يۇقىرىغا چىققۇڭلار بار
  • 4:34 - 4:38
    .مۇدىرىيەت ئەزاسى بولغۇم بار، ئىنژېنېر بولغۇم بار ياكى دوختۇر بولغۇم بار دېگەندەك
  • 4:38 - 4:40
    .گېپىمنى ئاڭلاڭ، سىز ئۇ دەرىجىگە چىقالمايسىز
  • 4:40 - 4:42
    ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىڭىز يەتمەكچى بولغان ئۇ دەرىجىگە تاكى سىز
  • 4:42 - 4:44
    .زېھنىڭىزگە مەبلەغ سېلىشنى باشلىماي تۇرۇپ چىقالمايسىز
  • 4:44 - 4:45
    .سىز كىتاب ئوقۇمايۋاتىسىز
  • 4:45 - 4:47
    .مەن ھەممىڭلارنىڭ مۇنازىرە سورۇنلىرىغا بېرىپ تۇرۇشۇڭلارنى چاقىرىق قىلىمەن
  • 4:48 - 4:49
    !مەن ئۆزىڭىزگە يۇقىرى مەبلەغ سېلىشقا بۇيرۇيمەن
  • 4:49 - 4:50
    !مەن يالغۇزلۇققا بۇيرۇيمەن
  • 4:50 - 4:53
    !مەن سائەت-سائەتلەپ ۋاقىتنى ئۆزىڭىزنى تونۇشقا سەرپ قىلىشقا بۇيرۇيمەن
  • 4:53 - 4:58
    ،ھەقىقىي ئۆزىڭىزگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا، يارالمىشىڭىزدا تەقدىر قىلىنغان ئادەمگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا
  • 4:58 - 5:00
    ،ئەسلىڭىزدە لايىھەلەنگەن ئادەمگە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا
  • 5:00 - 5:02
    ،ئايرىم بىر شەخسكە ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا
  • 5:02 - 5:06
    .قىلىدىغان ئىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىپ باشقا ئادەملەردىن ئايرىشقا باشلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ
  • 5:06 - 5:08
    مەن سىزنىڭ، سىزنى ھېچكىم تونۇمايدىغان شۇنداقلا ھەرگىزمۇ ئاۋارە
    .قىلالمايدىغان بىر جايغا كېتىشىڭىزنى چاقىرىق قىلىمەن
  • 5:08 - 5:11
    !نېمىشقا؟ چۈنكى سىز ئۇلارنى قانداق قىلىپ خۇشال قىلارمەن دەپ زېھنىڭىزنى خورىتىپ يۈرمەيسىز
  • 5:11 - 5:14
    .چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنى تونۇتۇش، ئۆزىڭىزنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىسىز
  • 5:14 - 5:16
    !مەن سىزنىڭ ئۆز زېھنىڭىزگە مەبلەغ سېلىشڭىزغا موھتاج
  • 5:17 - 5:18
    ،ناۋادا سىز ھېلىمۇ ئارزۇيىڭىز ھەققىدە گەپ سېتىۋاتقان بولسىڭىز
  • 5:18 - 5:20
    ،ناۋادا سىز يەنىلا نىشانىڭىز ھەققىدە گەپ سېتىۋاتقان بولسىڭىز
  • 5:20 - 5:23
    !لېكىن تېخى ھېچ ئىش قىلمىغان بولسىڭىز ئۇنداقتا تۇنجى قەدەمنى ئېلىڭ
  • 5:24 - 5:25
    ،ئاتا-ئانىڭىزنى پەخىرلەندۈرەلەيدىغان بىر ئىش قىلالايسىز
  • 5:25 - 5:27
    .مەكتىپىڭىزنى پەخىرلەندۈرەلەيدىغان بىر ئىش قىلالايسىز
  • 5:27 - 5:32
    سىز مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز شۇنداقلا دۇنيامۇ
    !ئەسلىدىكىگە ئوخشىمايدىغان باشقىچە دۇنيا بولۇپ ئۆزگىرىدۇ
  • 5:32 - 5:36
    !چۈنكى سىز شۇنچە يولنى بېسىپ كەلدىڭىز، ھېچكىمنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئوغرىلاپ كېتىشىگە يول قويماڭ
  • 5:36 - 5:41
    بىز رەت قىلىنىشقا، «ياق» دېيىشلەرگە ئۇچرىدۇق. يىغىن ئاچساق ھېچكىم كەلمىدى
  • 5:41 - 5:45
    .ياكى بىرسى «ماڭا ئىشەنسەڭ بولىدۇ» دەپ قويۇپ ئېھتىياجىمىز چۈشكەندە بىزنى نائۈمىد قويدى
  • 5:45 - 5:48
    ناۋادا بىزدىمۇ ئاشۇنداق ئۈزۈكچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پوزىتسىيە بولسىچۇ؟
  • 5:48 - 5:52
    .ئۇ چاغدا سىزگىمۇ ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. كەينى-كەينىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدىڭىز! يوللىرىڭىز توسۇلدى
  • 5:52 - 5:56
    بىراق سىز يەنىلا ئارزۇيىڭىزغا ئىنتىلىۋاتىسىز، ھەر كۈنى ئازرۇيىڭىزنىڭ كويىدا تەكرار تەجرىبە يەكۈنلەۋاتىسىز
  • 5:56 - 6:00
    .شۇنداقلا ئۆزىڭىزگە «مەن غەلبە قىلمىغۇچە ئىزدىنىشىم توختىمايدۇ!» دەپ خىتاب قىلىۋاتىسىز
  • 6:05 - 6:10
    !!!سىز ئارزۇيىڭىزدىكى تۇرمۇشتا ياشىيالايسىز
Title:
Dream - Motivational Video
Description:

Facebook: https://www.facebook.com/themateuszm
Instagram: http://bit.ly/1fjzPrZ
SoundCloud: http://bit.ly/Mon20y

If you like my videos
Feel free to send Donations on my Channel:
https://www.paypal.com/cgi-bin/webscr?cmd=_donations&business=a_miroslaw%40interia%2epl&lc=GB&item_name=Mateusz%20M&no_note=0&currency_code=USD&bn=PP%2dDonationsBF%3abtn_donate_LG%2egif%3aNonHostedGuest

Music:
(00:13) Tom Tykwer, Johnny Klimek & Reinhold Heil: Prelude - The Atlas March
(01:05) Angelo Milli: Requiem
(01:37) Steve Jablonsky: Bumblebee
(04:08) Hans Zimmer: Arcade
(06:07) Hans Zimmer: I Will Find Him

Movies:
Into The Wild, Rocky 4, Seven Pounds, Pursuit of Happyness, A Beautiful Mind.

Speakers:
Les Brown: https://www.facebook.com/Brown.Les,
Eric Thomas: http://www.youtube.com/user/etthehiphoppreacher
Will Smith: https://www.facebook.com/WillSmith

Odważ Się Żyć: https://www.facebook.com/odwazsiezyc

Help me caption & translate this video!
http://amara.org/pl/videos/WC51MYVGtcbl/

more » « less
Video Language:
Arabic
Duration:
06:20

Uyghur subtitles

Revisions